بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2872|ئىنكاس: 6

دەرسلىك: CD پىلاستىنكىسىنى كومپىيۇتېرغا قانداق كۆچۈرىمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
cdcd.gif

CD پىلاستىنكىسىنى كومپىيۇتېرغا قانداق كۆچۈرىمىز؟


     ئەگەر سىز CD پىلاستىنكىسىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۇدۇللا كۆچۈرۈپ كومپىيۇتېرغا ساقلاپ قويسىڭىز سىز بۇ CD پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنى كۆچۈرگەن بولماستىن، ناخشىلارغا ئۇلىندىغان تىزلەتمە ئۇسۇلىنى كۆچۈرۈپ قويغان بولىسىز، بۇنداق بولغاندا سىز كومپىيۇتېرنىڭ نۇر دىسكا ئوقۇغۇچىغا ئاشۇ CD پىلاستىنكىنى سالغاندا ئاندىن CD پىلاستدىنكا ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقىيالايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئاشۇ سىز كۆچۈرگەن ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ھۆججەت چوڭلىقى ئاران 1KB كېلىدۇ.


ئۇنداق بولسا قانداق كۆچۈرىمىز؟
  • سىز Realplay نى ئىشلىتىش مەقسەتكە يىتەلەيسىز. سىز CD پىلاستىنكىنى نۇر دىسكا ئوقىغۇچقا سالغاندىن كىيىن Realplay سىزدىن CD ھۆججەتنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، ئەگەر كۆچۈرىمەن دىگەننى تاللىسىڭىز CD ھۆججەتلەر كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. كۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى RealAudio بولىدۇ.
  • WindowsXP نىڭ ئۆزىدە CD كۆچۈرۈش قورالىمۇ بار بولۇپ شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. CD پىلاستىنكىنى نۇر دىسكاغا سالغاندىن كىيىن بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ، جەزىملەش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز CD دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ سىزنىڭ « ھۆججىتىم \ مۇزىكام » ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە ساقلايدۇ.
  • Windows Media Player ئارقىلىقمۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز. سىز كومپىيۇتېردىن Windows Media Player نى قوزغاتقاندىن كىيىن (باشلاش \ پىروگرامما \ قۇشۇمچە \ مۇزىكا \ Windows Media Player )، كومپىيۇتېرنىڭ نۇر دىسكا ئوقۇغۇچىغا CD پىلاستىنكىسىنى سالىسىز، سالغاندا Windows Media Player ئاپتۇماتىك CD پىلاستىنكا ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئوقۇشنى باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز Windows Media Player نىڭ 翻录 تىزىملىكىگە كىرىپ باھارلىق ھۆججەتنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇپلا 翻录音乐 نى باسسىڭىز بولىدۇ. ساقلاش ئورنى يوقاردىكى ئېيتىلغاندەك  « ھۆججىتىم \ مۇزىكام »  ئىچىگە ساقلىنىدۇ.
  • كومپىيۇتېرغا 超级解霸 قورالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.jieba.net



مەزكۇر دەرسلىكنى ساقلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، كۈنلەر ئۆرۈپ مۇشۇ مەسلىگە سىزمۇ يۇلىقىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بىلىملەرنى تورىنى قوللىسىڭىز ئۈستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت !
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-5 18:01:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئۇسۇل ، Exact Audio Copy قورالىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىناپ بېقىڭ. چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.mydown.com/soft/234/234511.html
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2013-4-6 16:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فورماتىنى mp3 كە ئايلاندۇرۇپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 23:21:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akbar0409 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 16:45
فورماتىنى mp3 كە ئايلاندۇرۇپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ .

قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن فورماتىنى mp3 قىلىپ ساقلايمىز ؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2013-4-21 19:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 23:21
قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن فورماتىنى mp3 قىلىپ ساقلايمىز ؟

مەن ئادەتتە TT player قويغۇچىنىڭ ياكى QQ影音 قويغۇچىنىڭ ئايلاندۇرۇش قۇرالىنى ئىشلىتىمەن . مىنىڭچە ھەر قانداق ئايلاندۇرغۇچ قۇرال دا فورماتىنى ئۆزگەرتسەك بولىشى مۇمكىن .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-5-25 00:50:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلان دەيدىغان نەسە يوق

باھا سۆز

نەدە ئېلان يوق ئىكەن؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2019-5-26 09:20
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-5-26 09:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Abdureqip يوللىغان ۋاقتى  2019-5-25 00:50
ئىلان دەيدىغان نەسە يوق

نەدە ئېلان يوق ئىكەن؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-11-23 04:25 , Processed in 0.117249 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش