بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 206 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • .....ES..... 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    دويىندا ئۇيۇن جىبو قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان دوسلار ماۋۇ ئادرىسقا كىرىپ

  • altaxna 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەرنى راۋرۇس بىر قىزىتاي دەپ كەلسەم كونىلار ھەممىسى يۇقاپ كىتىپتۇي...

  • TARQAT 2020-2-6 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    admin كا تىمامنى تەستىقلاپ قويسىڭىز

  • terxkuqi 2020-2-3 21:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەر توردىن بىلىم ئالغاچ ئادمىن ئەپەندىگە رەھمەت تىمىسى يىزۋاتمەن

  • .....ES..... 2020-1-30 23:16 [ئىنكاس(2)] [...]

    دويىندا جىبو قىلىش توغۇرلۇق يازما يوللاپ قويساڭلا بوپتىكەن

  • Kinohumar 2020-1-28 15:48 [ئىنكاس(2)] [...]

    ھەقىقىي سالاھىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى تەستىقسىز چىقسا بولاتتى  

  • admin 2020-1-13 18:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭىدىن يېزىۋاتقان كىنو ئەپچاق ئېلان قىلىنىش ئالدىدا.  

كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 4

[باشقا] 2T ھەقسىز دەرسلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TARQAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-2-6 18:58  


ئاۋال بارلىق تورداشلاردىن يىڭى يىلىق ھال سورايمىز(گەرچە سەل كىچىكىپ ھال سورىغان بولساقمۇ)،دىسەم دىمىسەم ھەممىڭلار ئۆيدە ئارام ئىلىپ ياتتىڭلارغۇ دەيمەن،مەنمۇ شۇ ،مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان كۈندە ئۈچ ۋاخ بەدەن تېمپېراتۇرۇمنى ئۆلچەپ دىگەندەك،بۈگۈن ئازراق بىرنەرسە ئۆگىنەي دەپ بەيدۇ توردىسكامنى ماتلىسام ،توردىسكامغا ئۆگۈنىدىغان ماتىريال دىگەن توشۇپ كىتىپتۇ، نەچچە ۋاقىتىتن بۇيان كۆرگىلى ۋاقىت چىقماي توپا بىسىپ تۇرۇپ قالغان، يەنە داۋاملىق تىقىپ بوسۇرۇپ يۈرسەم ئۇزۇن تۇرۇپ كىتىپ سىسىپ كۆكىرىپ قالغۇدەك،شۇڭلاشقا تورداشلار بىلەن بۇ ماتىرياللارنى ھەقىسز ئورتاقلىششنى توغرا تاپتىم،بۇ دەرىسلكلەر ھەممىسى توردىن يىغۋىلىنغان ماتىرياللار ،ھەقلىق ھەقسىز ھەممىسى بار چىراي،لىكىن مەن ھىچقايسىسىنى پۇلغا ئالمىغان،شۇڭلاشقا مەنمۇ ھەقسىز تارقىتاي،ئۆگەنكۈسى بارلار ساقلاپ چۈشۈرۋىلىڭلار،ئازغىنە بولسىمۇ پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس،ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن كونىلا.ئۈمۈد قىلىدىغىنىم مەن ھەقسىز تارقاتقان بۇ ماتىرياللارنى باشقىلارغا ھەقلىق سىتىپ يۈرمىسەك.بارلىق ماتىريالنى قوشقاندا 2T دىن ئاشىدۇ، سۈرەتلىك پروگىرامما دەرىسى،ئەسلى كود،دىتال ،خەت نۇسقىسى،لاھىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار ماتىرياللارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

# PHP
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 291GB

توربىكەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۈگەنگۈسى بارلارغا مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمەن،PHP دەسلەپكى سەۋيەدىن يۇقىرى سەۋيەگىچە،مۇھىت ھازىرلاشتىن مۇستەقىل ھالدا توربىكەتلەرنى ياساپ چىققۇچە،ئالدى بەتتىن كەينى بەتكىچە،سانداندىن مۇلازىمىتىرغىچە ھەممىسى بار،سىزدە چۆيۈندەك قوڭ بولسىلا ئۆگىنىپ كىتىشىڭىزدە گەپ يوق.



# Python
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 113GB

Python بولسا نۆۋەتتە بىر قەدەر ئالقىشقا ئىرىشكەن پىروگىرامما تىلىنىڭ بىرى،ئۈگۈنۈش ئاسان،ئىشلىتىلىش دائىرسى كەڭرى،مەسلەن سۈنئىي ئىدراك،تور بەت، سانلىق ستاتىستىكا ئانالىز قىلىش،ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دىتالى ياساش،پاچوڭ(爬虫) قاتارلىقلار.




# Java
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 906GB

Java بولسا ئۆزىنىڭ "بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر" ئىقىتىدارى بىلەن پىروگىراممىرلارنىڭ نان تىپپ يىشىگە ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كىلۋاتقان پىروگىرامما تىلىنىڭ بىرى،بۇ تىلنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى كەڭرى،مەسلەن ئاندىرويىد تىلفۇنغا ئەپ ياساش،ئارقا سۇپا يىزىش،توربەت،嵌入式领域(ئۇيغۇرچە قانداق ئاتايدىغىنى بىلمىدىم)،چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلار.


[img=1052,726][/img]

# C&C++&C#&.NET
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 277GB

مىنىڭچە C تىلغا جىق چۈشەنچە بىرىشنىڭ ئورنى يوق،چۈنكى C تىل ئارقىلىق قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق دىيەرلىك،لىكىن بۇ تىلنى يىرتقىدەك ئۆگۈنۈش ئاسان ئەمەس.++C بولسا C تىلغا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن تىل،C تىل بىلەن تۇققاندارچىلىقى بار،بۇ تىل ئارقىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى،تور ئالاقە ئامبىرى،ئويۇن قارتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.#C نى ئەركىلتىپ "C قۇدۇق" دەپمۇ ئاتاپ قويىمىز،بۇ تىل ئارقىلىق ۋىندوۋىس كومپۇتىرغا دىتال يىزىشقا،ئۇيۇن ياساشقا بولىدۇ(Unity ئورگان تەرەپ #C نى تەۋسىيە قىلغان).




# Objective-C
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 6GB

Objective-C نى قىسىارتىپ OC دەپمۇ ئاتايمىز،بۇ تىل ئالما ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالما تىلفۇنغا،ئالما تاختا كومپىيۇتىرغا،ئالما كومپىيۇتىرغا ئەپ ئىچىش ھەمىسى قولىدىن كىلىدۇ،بۇ تىلنىڭمۇ C تىل بىلەن تۇققاندارچىلىقى بار،لىكىن گرامماتىكىسى ئالمىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى Swift دىن ئازراق مۇرەككەپراق.




# كىچىك پىروگىرامما (小程序)
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 116GB

ھازىر كىچىك پىروگىراممىنىڭ قىزغىنلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ،تىڭشۈن ئۆزقولى بىلەن پەپىلەپ بىقىپ چوڭ قىلغان بۇ پىروگىرامما ئۈندىداردەك ئاكىسىغا تايىنىپ تىلفۇن ئەپلىرى ۋە تور بىكەتلەرنىڭ قولىدىكى ناننى تارتىۋالماقتا،تىلفۇنغا ئەپ ئىچىشنى ئۆگىنىشكە تەس كۆرگەن دوسلارغا مۇشۇنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،لىكن بۇنىڭغا مەلۇم دەرجىدە HTML،CSS،JavaScript ئاساس تەلەپ قىلنىدۇ.




# ئالدى يۈز (前端)
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 271GB

ئالدى يۈز ھەرگىزمۇ نۇقۇل ھالدىكى HTML،CSS ئەمەس،ھازىر ھەرخىل JavaScript رامكىلىرى ئارقىلىق نۇغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان بولدى،ئۇيۇن،توربەت،سۇپا ئاتلىغان ئەپ،ئۈستەل يۈزى پىروگىراممىسى،مۇلازىمىتىر،ساندان قاتارلىقلار،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇنىڭدىن كىيىنىكى تىخنىكا يۈزلىنىشى مۇشۇ بولامىشلەر(مىش مىش گەپ).





# تور قۇرلۇشى(网络工程)
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 4GB

تور قۇرلىشىمۇ ئۆزئالدىغا بىر چوڭ پەن،دوختۇرخانا،مەكتەپ،تورخانىلارنىڭ تور ئىشلىرىدا مۇشۇ بىلىم بەك ئەزقاتىدۇ،دائىرلىك تور،سىرتقى تور،تور بىخەتەرلىكى،防火墙 ،机房管理 قاتارلىقلار.



# ماشىنىلىق ئۆگىنىش(机器学习)
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 77MB

ماشىنىلىق ئۇگنىش بولسا ئالگورىزىم ۋە سىتاستىكىلىق مودىلىللارنىڭ كومپىيوتۇر پىروگىراممىسى ئارقىلىق، بىزنىڭ يوليورقىمىزسىز ، يەنى خۇلاسىلەش، نۇسخا تونۇشلارغا تايىنىپ، مەلۇم بىر سىناقنى تاماملاشنى كۆرسىتىدۇ ، ماشىنىلىق ئۆگنىش سۈنئىي ئىدراكنىڭ تارماق پىنى ھىسابلىنىدۇ. ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمى بولسا بار بولغان سانلىق ئۇچۇرلار ئاساسىدىكى ماتىماتكىلىق مودىللارنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەنى كەلگۇسنى قىياس قىلشى ھىسابلىنىدۇ . ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمى نۇرغۇنلىغان ئەپلەردە ، يۇمشاق دېتاللاردا ئىشلىتىلدىغان بولۇپ مەسلەن، چىراي ۋە ئاۋاز تونۇش ، يېزىق تونۇش ، ئېخەت سۈزگۇچ ، بىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكنى تونۇش ، سەھىيە ۋە داۋالىنىش ، ماشىنا ئادەم ، ئىلىكتورۇنلۇق ئويۇن قاتارلىقلار ...
(ئالىپ تورىدىن ئىلىندى)




# ئالگورىزىم (算法)
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 2GB

ئالگورىزىم (算法) مەسىلە يېشىش لايىھەسىنىڭ توغرا ھەم مۇكەممەل تەسۋىرى بولۇپ ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قاتار ئېنىق بۇيرۇقى ، ئالگورىزىم مەسىلىنى سىستېمىلىق ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلەشنىڭ تاكتىكا مېخانىزمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . دېمەك ، بەلگىلىك قېلىپلاشقان ھالەتتە كىرگۈزۈپ ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە تەلەپ قىلىنغان نەتىجگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ئەگەر بىر ئالگورىزىم نۇقسان بولسا ياكى مەلۇم بىر مەسىلىگە ماس كەلمىسە ، بۇ ئالگورىزىم ئىجرا قىلىش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ . ئوخشاش بولمىغان ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان زامان ، ماكان ياكى ئۈنۈم ئارقىلىق ئوخشاش ۋەزىپىنى ئورۇندىشى مۇمكىن . بىر ئالگورىزىمنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى بوشلۇق مۇرەككەپلىكى ۋە ۋاقىت مۇرەككەپلىكى ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدۇ .
(بەيدۇ قامۇسىدىن ئىلىندى)


بۇ بىشىنى قايدۇردىغان گەپلەرنى چۈشەنمىدىڭلارغۇ دەيمەن(لول لول)،بۇنىڭغا بىر مىسال ئەپ بىرەي،ئالگورىزىمنى بىر تاماق تىزىملىكى دەپ بىلسەك بولىدۇ،مۇشۇ ئالگورىزىم ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئالگورىزىمنى مۇشۇ تاماق تىزىملىكىدىكى پولۇ ئىتىدىغان ئىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشاتساق بولىدۇ،مۇشۇ ئىتىش ئۇسۇلىدا دىيلگەندەك ئاۋال قازانغا ياغ قۇيمىز،ئاندىن گۆش سەۋزىلەرنى تەرتىپ بويىچە سالىمىز،سۇ قۇيۇپ گۈرۈچ سالىمىز،ئاخىردا بىرقازان پولۇ پۈتۈپ چىقىدۇ،مۇشۇ ئۇسۇلنى ئۈگىنۋالغان ھەرقانداق ئادەم مۇشۇ ئارقىلق پولۇ ئىتەلەيدۇ،ئالگورىزىمۇ ھەم شۇ،مەلۇم بىر ئالگورىزىمنى زاغرا تىلىمىز بىلەن دىگەندە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.



# ئۇيغۇرچە ماتىريال
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 6GB

توردىن ئۇچراتقان ئۇيغۇرچە ماتىريالارنى يىغىپ ساقلاپ قويغان،ئۇيغۇرچە ۋوردپىرەس سۈرەتلىك دەرىسلىكى(مەنزىل تورى ئىشلىگەن)،HTML+CSS يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دەرىسلىك(ئۇيغۇرچە PPT)،ئۇيغۇرچە C تىل كىتاب،ئۇيغۇرچە كىرگۈزكۈچ(خىيال،ئەلكاتىپ،خۇشقەلەم،چىچەن)،ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى (ئەلكاتىپ،UKIJ،Noto)،ئۇيغۇرچە ۋوردپىرەس ئۇسلۇبى،ئۇيغۇرچە دىسكاز،ئاندىن لاھىيە ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان نەقىش،كانۋاي قاتارلىقلار.



# خەت نۇسخىسى
چوڭ-كىچىكلىكى: 2GB

مەيلى لاھىيە ئىشلىرى ياكى پىروگىراممىدا بولسۇن ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك،بىر بولسا نەشىر ھوقۇقىنى سىتۋىلىپ ئىشلىتىمىز ياكى بولمىسا ھەقىسز خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىمىز،ئىمكاننىڭ بارىچە ھوقۇق ئالمىغان خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىشتىن ساقىلىنىش كىرەك،بولمىسا يانچۇققا تۆت تەڭگە كىرگگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئەرز قەغىزى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئىش چىقىدۇ.



# كىتاب
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 26GB

بۇ كىتابلار ھەممىسى توردىن يىغۋىلىنغان كىتابلار،ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە كىتابلار،ئىشقىلىپ ھەممە تۈردىكى كىتابلار بار،كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياقى بارلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.



# ئىشخانا دىتاللىرى
تىلى:دۆلەت تىلى
چوڭ-كىچىكلىكى: 7GB

بۇنىڭدا Word، Excel، PowerPoint دا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلەرنى ھەل قىلىش،ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىخكىنىلار سۆزلەنگەن.




-----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

چۈشۈرۈش ئادرېسغا قانداق ئىرىشىمىز؟
بۇ ماتىرياللارنىڭ ئىچىدە بەك جىق ھۆججەتلەر بار،بەزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ھۆججەت بار،ئازبىرقىسمى پىرىسلانغان ھالىتىدە،كۆپ قىسمى يەنىلا ھۆججەت ھالىتىدە،بەيدۇ توردىسكىسنىڭ ئادەتتىكى ئەزالارغا بىرقىتىمدا ساقلاشقا بولىدىغان ھۆججەتنىڭ چەك سانى 500،vip ئەزالاغا 3000,
svip ئەزالارغا 5000،شۇڭلاشقا كۆپىچنى ماتىرياللارنى بۆلۈپ-بۆلۈپ ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ،شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ بەيدۇ توردىسكا ئاكونتىنى قۇشۇپ يوللاپ بىرىشنى توغرا كۆردۈم ،ئەمدى ھەممىڭلار ئەڭ بىلىشكە تەشنا بولغان يىرىگە كەلدۇق، چۈشۈرۈش ئادرېسغا ئىرىشىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.

# بىرىنچى خىل ئۇسۇل: بىلوگقا ئىنكاس قالدۇرۇش
بىلوگنىڭ ئىنكاس رايونىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ،ئىنكاس شەكلى تۆۋەندىكىچە:مەسلەن

123456789 (بەيدۇ توردىسكا ئاكونىت نۇمۇرى)
PHP،Java (لازىملىق ماتىيال نامى)

# ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: ئۈندىدار سالونغا ئىنكاس قالدۇرۇش
تۆۋەندەكى ئىكىلىك كودنى سىكانىرلاپ ئۈندىدار سالونغا(ئىزدەش نامى:TARQAT) ئەگىشىپ،خەت قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ،خەت قالدۇرۇش شەكلى تۆۋەندىكىچە:مەسلەن

123456789 (بەيدۇ توردىسكا ئاكونىت نۇمۇرى)
PHP،Java (لازىملىق ماتىيال نامى)

مۇشۇ پۇرسەتتە سالونۇمنىڭ ئىلانىنى بىرۋالاي،ئۇنداق قىلماي ئەگىشىپ قويۇڭلار باللار،بۇنىڭدىن كىينمۇ مۇشۇنداق مەزمۇنلار داۋاملىق يوللىنىلىدۇ،ئەڭ تىز سۈرەتتە چۈشۈرۈش ئادىرسىغا ئىرىشمەكچى بولسىڭز مۇشۇ سالونغا ئەگىشپ ماڭا خەت قالدۇرۇپ قويۇڭ(لول لول)،مۇشۇ سالونغا ئەگەشمىگەن ياش،تام تۈۋىدىكى تاش.

ئەسكەرتىش:بۇ ماتىريال ھەقسىز تارقىتىلدى، سودا خارەكتېرىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ۋە بىلوگىمىز ئېگە بولمايدۇ .بۇ ماتىرياللارنى قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلىتىشكە قەتتى بولمايدۇ،ھەرقانداق سەۋەبتىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ۋە بىلوگىمىز ئېگە بولمايدۇ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋەتەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ھەربىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيتى،قانۇنغا رىئايە قىلىپ ئاڭلىق پۇقرالاردىن بولايلى.

مەنبە:تارقات بىلوگى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2020-2-6 19:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بولىدىغان ئىشكەن رەھمەت سىزگە.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2020-2-6 22:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bashqut يوللىغان ۋاقتى  2020-2-6 19:48
ماۋۇ بولىدىغان ئىشكەن رەھمەت سىزگە.

ئەرزىمەيدۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2020-2-9 00:11:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  قۇشۇۋالدۇق سالونىڭلارنى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2020-2-9 12:25:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپسىز. سالۇننى قوشىۋالدىم. مىنىڭ بەيدۇ ۋاڭپەن ئاكۇنىت نۇمۇرىم : atax0415 .ماڭا تۆۋەندىكى دەرسلىكلەر لازىم ئىدى. PHP ، 小程序   ،网络工程، ئۇيغۇرچە ماتىريال،خەت نۇسخىسى،كىتاب،ئىشخانا دىتاللىرى،Python قاتارلىقلار.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2020-2-24 22:19 , Processed in 0.147170 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش