بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 206 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • .....ES..... 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    دويىندا ئۇيۇن جىبو قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان دوسلار ماۋۇ ئادرىسقا كىرىپ

  • altaxna 2020-2-18 01:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەرنى راۋرۇس بىر قىزىتاي دەپ كەلسەم كونىلار ھەممىسى يۇقاپ كىتىپتۇي...

  • TARQAT 2020-2-6 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    admin كا تىمامنى تەستىقلاپ قويسىڭىز

  • terxkuqi 2020-2-3 21:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەر توردىن بىلىم ئالغاچ ئادمىن ئەپەندىگە رەھمەت تىمىسى يىزۋاتمەن

  • .....ES..... 2020-1-30 23:16 [ئىنكاس(2)] [...]

    دويىندا جىبو قىلىش توغۇرلۇق يازما يوللاپ قويساڭلا بوپتىكەن

  • Kinohumar 2020-1-28 15:48 [ئىنكاس(2)] [...]

    ھەقىقىي سالاھىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى تەستىقسىز چىقسا بولاتتى  

  • admin 2020-1-13 18:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭىدىن يېزىۋاتقان كىنو ئەپچاق ئېلان قىلىنىش ئالدىدا.  

كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 3

[باشقا] تەۋەلىكىمىزدە ICP بېجىرىش تەرتىپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
   ئەسكەرتىش: ھازىرچە شىنجاڭدا شەخسىي نامدا ICP بېجىرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا شىركەت نامىدا ياكى ئىدارە-ئورۇن نامىدا ئىلتىماس قىلىمىز.
   ICP نى زاغرا تىلدا «دۆلەت ئىچىدە تور بېكەت ئېچىش ئىجازەتنامىسى» دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى بەيدۇدىن كۆرۈپ باقارسىلەر.
   دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تور بېكەت، ئەپ، ئەپچاق ئاچىدىغان ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز مەزمۇن تەمىنلىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ICP بېجىرىشى كېرەك.
   بۇنى بىز بىر جەھەتتىن دۇكان ئاچساق، مەيلى دۇكىنىمىز چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، مەيلى پايدا تېپىپ دۇكان ئاچايلى، مەيلى زىيىنىغا ماڭايلى، چوقۇم بازار باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگەنگە ئوخشاش چۈشەنسەك بولىدۇ.
   نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ICP بېجىرىش دېگەننى ئىككىگە ئايرىپ چۈشىنىمىز. بىرسى ICP备案، يەنە بىرسى 网安备案، بۇ يەردىكى网安备案  نى بىز ئادەتتە 公安备案 دەپمۇ قويىمىز.
   ICP备案 نى بېجىرىشتە مۇنداق قەدەم-باسقۇچلارنى باسىمىز:
   1-قەدەم: ئاۋۋال تور نامى، مۇلازىمىتېر قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ تەييار قىلىمىز.
   2-قەدەم: شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ كىملىك، يانفون نومۇرى، تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ كىملىك، يانفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ شىركەت قاراشلىق ئاھالىلەر كومىتېتى (社区) غا كىرىمىز.
   ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئاھالىلەر كومىتېتىدا بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بىر ياكى بىر نەچچە خادىم بولىدۇ. شۇلار بىلەن كۆرۈشسەك بولىدۇ.
   تور بېكەتكە چوقۇم پارتىيە ئەزاسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى بولغاچقا، شىركەتتە پارتىيە ئەزاسى بار بولسا، تور بېكەتكە شۇ كىشى مەسئۇل بولىدۇ؛ ئەگەر پارتىيە ئەزاسى بولمىسا، ئاھالىلەر كومىتېتىدىن مەلۇم بىر پارتىيە ئەزاسىنى تور بېكەتكە نازارەتچى قىلىپ بېكىتىدۇ. ئاھالىلەر كومىتېتى مەلۇم بىر پارتىيە ئەزاسىنى تور بېكەتكە نازارەتچى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، شۇ پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۇچۇرلىرى، شىركەت ئۇچۇرلىرى، قانۇنىي ۋەكىل ۋە تور بېكەت مەسئۇلى ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى بىر نەچچە ماس جەدۋەلگە تولدۇرۇپ تامغا بېسىپ بېرىدۇ.
   بۇ جەرياندا تور بېكەت ئېچىشىمىزغا شىركەت ئىشخانىسىنىڭ ئىگىسى(房东) نىڭ قوشۇلغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالايدىغان، شىركەتنىڭ ئىجارە توختامىنى كۆرىدىغان، بەزى ئەھدىنامە، ۋەدىنامە ۋە باشقا بىر نەچچە تۈرلۈك جەدۋەللەرنى تولدۇرىدىغان ئىشلار بار.
   ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بىر نەچچە پارچە جەدۋەلنى ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا شىركەت، ئاھالىلەر كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتى (片区管委会) ئارىسىدا بىر نەچچە قېتىم تەكرار قاتنايدىغان، خاتا بولۇپ قالسا قايتا قىلىدىغان، ۋاقتى توشسا قايتا قىلىدىغان ئىشلار بار، بۇنى بىرمۇ-بىر دەپ يۈرمىدىم.
   ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بىر نەچچە جەدۋەل ماتېرىيالنى تەييار قىلغۇچە بېرىسى 15-20 كۈن، نېرىسى 30-40 كۈن ئۆتۈپ كېتىپمۇ قالىدۇ. بەزىدە ئارىلىقتا بايرام، يىغىن ۋە باشقا ئىشلار بىلەن بەلكىم 2-3 ئاي كېتىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن سەۋرچانلىق بىلەن تېرىكمەي-زېرىكمەي ماڭساق، جەدۋەللەرگە ئاخىرى بىر كۈنى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسى چۈشىدۇ.
   3-قەدەم: ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان جەدۋەل، ئىسپاتلارنى ئېلىپ تور ئۇچۇر ئىشخانىسى (网信办) غا بارىمىز. ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ماتېرىياللىرى تولۇق پۈتكەنلا بولسا، ئادەتتە تور ئۇچۇر ئىشخانىسى (网信办) دىن ئۇ-بۇ دېمەيلا 网站党建备案信息确认函 چىقىرىپ بېرىدۇ.
   4-قەدەم: شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، قانۇنىي ۋەكىل ۋە تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ كىملىك، ئالاقە ئۇچۇرلىرى، تور نامى، 网站党建备案信息确认函 قاتارلىقلارنى تەييارلىۋالىمىز.
   مۇلازىمىتېر تەمىنلىگەن سۇپىغا كىرىپ، شۇلارنىڭICP备案  ئىلتىماس قىلىدىغان بېتىگە تەلەپلەر بويىچە ھەر قايسى ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز، يەنە شۇ تەرتىپلەر بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى، 网站党建备案信息确认函 ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ھەقىقىي، توغرا، تولۇق تەمىنلەيمىز. مۇلازىمىتېر تەمىنلىگەن تەرەپ بىز تەمىنلىگەن نەرسىلەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ خاتا بولسا تۈزىتىشنى ئېيتىدۇ، توغرا بولسا ئۇنى新疆通信管理局  نىڭ تەستىقلىشىغا يوللاپ بېرىدۇ.
   نېرسى 10 كۈن، بولمىسا 3-4 كۈندە ICP备案 تەستىقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ICP备案 نىڭ تامام بولىدۇ.
   ئەسكەرتىش: مەن يۇقىرىدا نۇرغۇن يەردە تور بېكەت دەپلا ئالدىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردىكى تور بېكەت دېگىنىم تور بېكەت، ئەپ، ئەپچاقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ.
   ئەمدى 网安备案 گە كېلەيلى.  ICP备案تەستىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، 网安备案 گە ئىلتىماس قىلىمىز. 网安备案 نىڭ ئىشلىرى ئاسانراق. تور نامى، مۇلازىمىتېر، قانۇنىي ۋەكىل، تور بېكەت مەسئۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەلەپلەر بويىچە يوللاپ، يوللايدىغان بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنى تەمىنلىسەك بولىدۇ. ئادەتتە 3-4 كۈندە تەستىقلىنىپ بولىدۇ.
   ئاخىرىقى سۆز: بەزى تور بېكەت ئىگىلىرى ئاۋارىچىلىكتىن قېچىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشقىلارنىڭ نامىدىكى ICP نى بىر نەچچە يۈز يۈەنگە سېتىۋالىدىغان ئىشلارنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇق.
   بۇ قەتئىي تەۋسىيە قىلىنمايدىغان ئىش. چۈنكى، دۆلىتىمىزنىڭ بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەلىپىدە تور بېكەت ئىگىسى، تور نامى ئىگىسى ۋە ICP ئىگىسىنىڭ چوقۇم بىردەك بولۇشى قەتئىي تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا مۇرەسسە يوق. ئەگەر ئۇنداق قىلىنمىسا، يېنىكرەك بولسا تور بېكەت تاقىلىدۇ، چوڭ ئىش يوق. ئېغىرراق بولغاندا، بەزى قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، سىز بىلەن بىز بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايمىز.
   شۇڭا، چوقۇم بۇ ئىشنى ھەقىقىي نامدا قىلىڭ، باشقىلارنىڭكىنى ئىشلىتىپ تۇرىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماڭ. مۇنتىزىم ئىش قىلاي، ئىشىمنىڭ ئاخىرى چىقسۇن دېسىڭىز، چوقۇم دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن مۇلازىمىتېر ئېلىپ، ICP بېجىرىپ ئىشلىتىڭ.

   يۇلتۇزسوفت ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك بۆلۈمى تەييارلىدى

   ICP ۋە تۆۋەندىكى رەسمىيەت-ئىجازەتنامىلەر ھەققىدە ھەقسىز مەسلىھەت، ھەقلىق مۇلازىمەت كېرەك بولسا، يۇلتۇزسوفت ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك بۆلۈمىنى ئىزدەڭ. يۇلتۇزسوفت شىنجاڭدىكى ئەڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر خىل سالاھىيەت رەسمىيەتلىرى، ئىجازەتنامىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە، تۆۋەن چىقىم بىلەن بېجىرىلىشىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.
图片1.png
图片2.png
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2020-1-14 20:14:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شىركەت كارخانىمىز يوق يەككە ھالەتتە ئېچىۋاتقانلىرىمىز قانداقمۇ قىلارمىز

باھا سۆز

ئامال يوق، ئاچالمايمىزكەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2020-1-15 12:26
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2020-1-15 12:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Kinohumar يوللىغان ۋاقتى  2020-1-14 20:14
شىركەت كارخانىمىز يوق يەككە ھالەتتە ئېچىۋاتقانلىرىم ...

ئامال يوق، ئاچالمايمىزكەن.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2017-يىلىمۇ بار ئىدى بۇ ئىش ئەمما بۇندا مۇرەككەپ بىلىنمىگەن ماڭا، ئاھالە كومىتىتىغا ئىككى قېتىم چىقتىم، تور باشقۇرۇشقا ماتىرىيالنى ئاپارغىلى بىر، ئۆتكەن ماتىريالنى ئەكەلگىلى بىر باردىم ئالدى كەينى بولۇپ 20كۈندە ئەن نومۇر چىقىپ بولغانتى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2020-2-26 07:53 , Processed in 0.143248 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش