بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 158 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 203|ئىنكاس: 1

زادى يانفون سىستېمىسىنى يېڭىلاش كېرەكمۇ يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-10-9 23:44  

زادى يانفون سىستېمىسىنى يېڭىلاش كېرەكمۇ يوق
يېقىندا نۇرغۇن  تورداشلار مەندىن زادى يانفون سىستېمىسىنى يېڭىلاش كېرەكمۇ يوق دەپ سورىدى.  ئالدى بىلەن يانفون كارخانىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن OTA نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.  ئۇزۇن مۇددەتلىك سىستېما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشلەتكۈچىلەرگە زاۋۇتنىڭ سەمىمىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.  شىياۋمىنىڭ MIUI، مېيزۇ Flyme، خۇاۋېينىڭ emui   ھەممىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى،  يان تېلېفون زاۋۇتى ئاندىرويىد سىستېمىسى ئاساسىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدىغان سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.  لېكىن ئۇلارنىڭ بىر  ئورتاقلىقى بار، ئۇلار ئابونتلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۈشىنىپ باقايلى.
پايدىسى

1. سىستېما يوچۇقلىرىنى ياماپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى،شەخسى ئۇچۇرلىرى تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.

2. بەزى ئالاھىدە قوللىنىشچان  ئىقتىدارلارنى كۆپەيتىپ، ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئىقتىدارلارنى ھېس قىلالايدۇ،

3. ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئابونتلارنى تېخىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، سىستېمىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ.

كەمچىلىكى

دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش  گەرچە  يۇقارقىدەك  پايدىلىق  تەرەپلەرنى قولايلىقلارنى  ئىلىپ  كىلىش  بىلەن بىرگە يەنە  ئاز بولمىغان  يامان ئەھۋاللارنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى يانفونلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەشخۇلاتى قىلغاندا  سىستېمىسى ئاسانلا قېتىۋېلىش، قارا ئېكران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىستېمىسى    ئەسلى  سىستىمىغا  قارىتا  ئەلالاشتۇرىدىغان  بولغاچقا  تىخىمۇ  كۆپ  رايۇنلارنى  تەڭشەپ  ئۆزگەرتىش  ئۈچۈن  بىرتەرەپ  قىلغۇچ ئەڭ  يۇقرى  بىرتەرەپ  قىلىش  ھالىتىدە  تۇرىدۇ،  بۇ ۋاقىتتا  ئىلىپ  بىرىلغان  تەرتىپسىز  مەشخۇلات  يانفۇننى كىسەككە  ئايلاندۇرۇپ قويۇشىمۇ  مۈمكىن.


خۇلاسە شۇكى،   ئىككى يىل ئىچىدىكى يانفۇن  ياكى  سىستىمىغا قارىتا  دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى ئىككى يىل ئىچىدىكى ئاندىروئىد يانفۇن  قاتتىق دېتالى يەنىلا بىر قەدەر يېڭى، يەنە كېلىپ بەزى يانفۇنلارنىڭ  زاۋۇتتىن چىققاندا سىستېمىسى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس، نۇرغۇن ئىقتىدارلار كېيىنكى مەزگىلدىكى OTA نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، لېكىن ئىككى يىلدىن يۇقىرى بولغان  يانفۇننىڭ  ئەسلى سىستېما  نۇسخىسىدىن باشقا يېڭىلاشنى  تەۋسىيە قىلمايمەن، چۈنكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق  ئىشلىتىلگەن  يانفۇن  قاتتىق دېتال بىر قەدەر كونا بولغاچقا سىستېما دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن   بىرتەرەپ  قىلغۇچ  ئەڭ  يۇقرى  چاستوتا ھالىتىدە  ئىشلەيدۇ  بۇنىڭ بىلەن   يانفۇننىڭ  ھەددىدىن ئارتۇق قىززىشىنى   كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، قىزىسا  يانفۇننىڭ  قىتىۋىلىشىنى  پەيدا قىلىدۇ.
مەنبە :پارلاق سالونى
qrcode_for_gh_ea24ff7757ec_1280.jpg
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-10-10 21:23:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خۇاۋېي تېلېفۇنىمنىڭ سېستىمىدىنى 8.1دىن 9.1گە يېڭىلىغاندىن  كېيىن شۇنداق قولايلىق ئۇيغۇرچە  يېزىقتا ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمە.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-10-18 16:32 , Processed in 0.115818 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش