بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 158 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 0

شىياۋمى يانفونلىرىغا، كارتا ئىشلەتمەيمۇ تورغا چىققىلى بولىدىغان...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
شىياۋمى يانفونلىرىغا، كارتا ئىشلەتمەيمۇ تورغا چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دوستلار يانفۇننىڭ سۆزلىشىش ھەققى يوق، يېنىدا سىمسىز تور يوق  ئەھۋالغا ئۇچراپ باققان،بۇ ئەھۋالدا  يانفون نورمال تورغا چىقالمايدۇ، ئادەم خۇددى دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.  ئەمما، بىلەمسىز، شىياۋمى يانفونىدا قارا  تېخنىكا بار بولۇپ، يانفون قەرز بولۇپ توختاپ قالغان، ھەتتا SIM كارتىسى يوق  ئەھۋالدىمۇ تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
RY5C8xN9Lblfo6.jpg
  كونكرېت مەشغۇلات قەدەم باسقۇچلىرى ناھايىتى ئاددىي، ئالدى بىلەن شىياۋمى تېلېفونلارنىڭ تەڭشىكىنى ئېچىپ، قوش كارتا ۋە كۆچمە تورنى چېكىپ، ئاندىن بەتنىڭ ئاستىغا سىيرىپ، « بىر يۈەن ئېقىم مىقدارى» دېگەن تۈرنى تېپىپ، بۇ ئىقتىدارنى چېكىپ، 1 يۈەن خەجلەپ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئابونتلار 800 مېگابايت ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشەلەيدۇ.  بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ شىياۋمى يانفونىمىز قەرز بولۇپ قالغان ياكى SIM كارتىسى بولسىمۇ تورغا چىققىلى بولىدىكەن.  ئەگەر سىز يېڭى ئەزا بولسىڭىز، شياۋمى يەنە 1 يۈەن سىناق پۇلى سوۋغا قىلىدۇ.
RY5C8xm9xlN0Rx.jpg RY5C8xz17xjLo3.jpg
ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ئىقتىدار مەۋھۇم SIM كارتىسىغا ماس كېلىدىكەن، ئىشلىتىش جەريانىدا بىر كارتا ئوقۇرىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما بۇ مەۋھۇم SIM كارتا پەقەت ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇرنى قوللىمايدىكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، MIUI 10 دىن يۇقىرى يانفون سىستېمىسى ئاندىن« بىر يۈەن ئېقىم مىقدارى» ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.  ئابونتلارنىڭ سىناق قىلىشىچە، بىر يۈەنلىك ئېقىم مىقدارى ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ئۇلاپ قاچىلىنىدىكەن، ئېقىم مىقدارى ئىشلىتىلمىسە ئەتىسى نۆل بولۇپ  كىتىدىكەن.

بۇنى كۆرۈپ بەزى دوستلارنىڭ سوراپ قېلىشى مۇمكىن، نېمىشقا تور يوق تۇرۇپ شىياۋمى مەۋھۇم يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى سېتىۋالالايدۇ؟  چۈنكى شىياۋمى يانفونىغا  ئالاھىدە سىگىنال  بۆلىكى  ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ بۆلەك  ئارقىلىق شياۋمى مۇلازىمېتىرى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ، ئابونتلار تور يوق ئەھۋالدىمۇ مەۋھۇم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سېتىۋالالايدۇ.   شىياۋمى يانفونلىرىغا، كارتا ئىشلەتمەيمۇ تورغا چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز،  ئۇنداقتا  سىناپ باقماقچى بولغان دوستلار تېز بېرىپ سىناپ بېقىڭلار.  
مەنبە :پارلاق سالونى
qrcode_for_gh_ea24ff7757ec_1280.jpg
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-10-18 17:27 , Processed in 0.113574 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش