بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 158 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 1

[ئۇچۇرلار] ئەقلىفون تاللىغاندا ئىچكى ساقلىغۇچى قانچە بولسا ئەڭ ياخشى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1تىللا
mmexport1570060660674.jpg
پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئەقلىيفون ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئورنىنى ئېلىپ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان لازىمەتلىككە ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقلىيفون بازىرىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ئەگىشىپ، پۇت تىرەپ تۇرۇشمۇ خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى چوڭ يانفون زاۋۇتلىرىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىشقا باشلىدى. ئەقلىيفوننىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا قاراپ، خېرىدارلار ھەتتا ئەقلىيفون سېتىۋالغاندا نەرىدىن قول سېلىشنى بىلمەيدىغان ھالەتلەر كۆرۈلدى.

ھازىرقى ئەقلىيفون مەيلى سىرتقى قىياپىتى ياكى ئىقتىدارى جەھەتتە بولسۇن دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئېكرانىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ، قىممىتىمۇ بارغانسېرى ئۆرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئەقلىيفولارنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىمۇ بارغانسرى ياخشىلاندى، ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى ئەقلىيفونلارنىڭ سىغىممۇ ماس قەدەمدە چوڭىيىپ باردى.



ئەقلىيفون چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە سىغىمى پەقەت نەچچە MBدىلا توختاپ قالغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا سىغىمى يەتمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلەتتى، بەزىدە ھەتتا ئىچكى ساقلىغۇچ كارتا سېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىيفوننىڭ ئىچكى سىغىمى ئاساسىي جەھەتتىن 64G بىلەن باشلىنىۋاتىدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى خېرىدارلار ئەقلىيفون سېتىۋالغاندا زادى قانچىلىك سىغىمدىكى يانفوننى تاللاش توغرىسىدا يەنىلا ئارىسالدى بولىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا زادى ئەقلىيفوننىڭ 64Gلىقىنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى 128Gلىقىنىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى خاتا تاللايدۇ.



بۈگۈنكى ئەقلىيفون بازىدا 64G بىلەن 128Gلىق يانفوننىڭ باھا پەرقىمۇ يەنىلا يۇقىرى، بىز باھاسى 5000 يۈەنلىك ئەقلىيفوننى مىسال ئالساق، ئوخشىمىغان ئىككى خىل سىغىمدىكى ئىككى نۇسخا ئەقلىيفوننىڭ باھا پەرقى 500 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا بىز ئەقلىيفون سېتىۋالغاندا چوقۇم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىزنىڭ ئالاھىدە تەلىپىمىز بولمىسا، 64Gلىق سىغىمدىكى ئەقلىيفون بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ، بەرىبىر بىز يەنە داۋاملىق يانفوندىكى كېرەكسىز دېتاللارنى يۇيۇپ تازىلاپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى كۆپ ساندىكى يانفۇنلارنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ئىككى يىل ئەتراپىدا بولىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن بىزنىڭمۇ ئۇنچە كۆپ سىغىمغا ئېھتىياجىمىز يوق. يەنە نۇرغۇن خېرىدارلار بەلكىم يانفون ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى بىرەر قېتىممۇ تازىلاپ باقمىغان، ھەتتا 64G سىغىمنىمۇ ئىشلىتىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن.



ئەگەر بىز نوپۇزلۇق ئويۇن ھەۋەسكارى بولساق ئىدى، ئۇنىڭ يولى باشقىچە بولاتتى. ئەقلىيفون ئويۇنى خېلى كۆپ سىغىمنى ئىگەللەيدۇ، ئەگەر سىغىم يەتمىسە بىزنىڭ ئويۇن قىزغىنلىقىمىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەلۇم بىرقانچە ئويۇننى چۈشۈرۈپ، يەنە نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشسەكلا سىغىم يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرخىل ئەھۋال، ئۇ بولسىمۇ پەن-تېخنىكا مەستانىلىرى يەنى مەخسۇس چوڭ سىغىمنى قوغلىشىدىغانلار. بۇنداق ئەھۋالدا سىز 64G سىغىمدىكى ئەقلىيفوننى ئويلاشماڭ، بەلكىم 128G سىغىمدىكى ئەقلىيفونمۇ سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن.
Tehnika سالۇنىدىن ئېلىندى
IMG_20191003_081845.jpg

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-10-3 12:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمام يارىغان بولسا سالۇنغا كىرىپ قوللاپ قويۇڭلار ئەزىزلەر
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-10-18 16:21 , Processed in 0.108338 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش