بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 218 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • polkonic 3 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر توربەت ياسىغان ئىدىم، سىناققا قاتنىشدىغانلار بولسا بولاتتى. مىكروبى.....

  • kozyax.com 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    سالون 3 توپ بەت توغۇرلۇق بىلىدىغانلا ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلا بوپتىكەن

  • نۇرقۇت 2020-5-13 23:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاردۇق يەتتى~

  • Kinohumar 2020-3-24 17:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    فىلم خىتىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلدۇرۇپ فىلمگە بىرىكتۈرۈش دەرىسلىكى بامۇ

  • 艾斯凯尔江 2020-2-21 22:29 [ئىنكاس(1)] [...]

    مۇنبەردىكى  سۇئاللار جاۋابسىز قىلۋاتىدىغۇ  نىمە بولدى ئۇستازلارغا ئەمدى

  • altaxna 2020-2-20 19:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىمىمىزغا باشقىلار ئىنكاس يازسا ئەسكەرتىش چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ

  • admin 2020-2-7 20:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار قىسقارتىلدى.

  • مۇرات123 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزنەك ئەقلى ئىقدىدارلىق تېلۋۇزۇر نۇسقا ئەپ دىتاللى بارلىققا كەلدى         ...

  • uysalam 2020-5-16 20:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇسىلەر دوستلار ، ئۇزۇن بوپتۇ بىلىملەر مۇنبىرىنى زىيارەت قىلمىغىلى

  • admin 2020-4-28 21:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    سىرىتتا خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن بىلىملەرگە ۋاقتىدا قاراپ بۇلالماي قالدىم

  • Kinohumar 2020-3-24 17:49 [ئىنكاس(1)] [...]

    فىلم خىتىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلدۇرۇپ فىلمگە بىرىكتۈرۈش دەرىسلىكى بامۇ

  • .....ES..... 2020-2-20 22:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    دويىندا ئۇيۇن جىبو قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان دوسلار ماۋۇ ئادرىسقا كىرىپ

  • altaxna 2020-2-18 01:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەرنى راۋرۇس بىر قىزىتاي دەپ كەلسەم كونىلار ھەممىسى يۇقاپ كىتىپتۇي...

  • TARQAT 2020-2-6 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    admin كا تىمامنى تەستىقلاپ قويسىڭىز

كۆرۈش: 7510|ئىنكاس: 22

[VB/.Net] Visual Basic .NET دەرسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
Microsoft شىركىتى تۈزگەن Visual Basic .NET ئاددىي ۋە زامانىۋى بولغان ئوبىكتىپقا يۈزلەنگەن كومپىيوتېر پىروگرامما تىلى. بۇ تىل .NET Franework ۋە ئورتاق تىل ئىجرا ئامبىرىغا تايىنىپ ئىشنى ھەم ئاسان، قۇلايلىق ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇ دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق vb.netنىڭ ئاساسىي ساۋاتلىرى سۆزلىنىدۇ. دەرسلىكنى ئۆگىنىش جەريانىدا سىز ھىچقانداق دېتالنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىۋاستە Microsoft تەمىنلىگەن ھەقسىز نۇسخۇسىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. قايسى نەشىرنى ئىشلىتىشنى ئۇقالمايۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىڭ:

بىرىنچى باب، كىرىش قىسمى

ئىككىنچى باب، تۇنجى كودىڭىزنى يېزىڭ




ئىزاھات: مەزكۇر يازما «شەرەر تورى» دىن ماتىريال سۈپىتىدە كۆچۈرۈلۈپ كېلىندى. تېخىمۇ كۆپ vb.net پروگرامما تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز www.sherer.cc تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 10:51:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقسىز Visual Studio Expressگە ئېرىشىش

Visual Studioنىڭ سىز ئېھتىياجلىق ھەقسىز نەشىرنى Microsoft شىركىتى Visual Studio Community 2017(مەھەللە نەشىرى) دېگەن نامدا چىقاردى. تۆۋەندىكى ئۇلانما ئارقىلىق بۇ نەشرىگە ئېرىشەلەيسىز:
Visual Studio Community Editionنى چۈشۈرۈش

Microsoft شىركىتىنىڭ پات-پات بەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان ئادىتى بار. بۇنداق چاغدا، Community 2017 edition دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە ئۈستى ئوڭ بۈرجەكتە «Visual Studioنى ھەقسىز ئىشلىتىش» دېگەن ئۇلانما بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇلانمىمۇ ئېلىۋىتىلگەن بولسا، «مەھسۇلاتلار» دېگەن تىزىملىكتىكى «Visual Studioنى چۈشۈرۈش» دېگەن تۈردىن Community 2017نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش باشلانغاندا، تاللاشلار بار بىر كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ:
1.gif
بۇ كۆزنەكنىڭ ئاساسىي رايۇنىدىكى Net ئۈستەليۈزى ئېچىش(Net Desktop Development – Net 桌面开发)نى تاللاپ، ئاندىن يان تەرەپتىكى تىزىملىكتىن SQL Server Express 2016نى تاللاپ قاچىلاشنى باسسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز كونا كومپىيوتېر ياكى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، Visual Studioنىڭ ئىلگىركى نەشىرلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىپ، ئاستىغىراق سۈرسىڭىز «Express for Windows Desktop» دەپ بار:
Visual Studio Expressگە ئېرىشىش

مەيلى سىز قايسى نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ، دېتالنىڭ سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بۇ سىزنىڭ تور سۈرئىتىڭىزگە باغلىق ئەلۋەتتە. دېتالنىڭ بۇ نەشىرى ھەقسىز بولۇپ، بۇنى قاچىلىۋالسىڭىز بىزنىڭ بارلىق دەرسلىكىمىزدىن ھەقسىز پايدىلىنالايسىز!
چۈشۈرىۋالغان دېتالنى قاچىلاش ئادەتتىكى دېتالنى قاچىلاش بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا قاچىلاش توغرىسىدىكى دەرسلىك ۋە مەزمۇنلارمۇ يىتەرلىك بولغاچقا، بۇ توغرىسىدا ئارتۇق توختالمايمىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 10:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
VB.NET بىلەن تونۇشۇش

Visual Studio دېتالىنى تۇنجى قوزغاتقان چېغىڭىزدا رەسىمدىكىدەك كۆزنەكنى كۆرىسىز:
1.gif
بۇ كۆزنەكتىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەڭ ئۇسلۇبىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىمدە بىز «يورۇق(Light – 浅色)»نى تاللىدۇق. ئەمدى ئاستىدىكى «Visual Studioنى قوزغىتىش» كونۇپكىسىنى باسىمىز. ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن دېتالنىڭ باشلاش بېتى ئېچىلىدۇ.
2.jpg
بۇ بەتتە بىز ئاساسلىق يېڭىدىن تۈر قۇرۇش ۋە تەييار تۈرنى ئېچىش مەشغۇلاتىنى قىلىمىز. بۇ بەتتە يەنە «يېقىنقى» تىزىملىكى بولۇپ، ھازىر قۇرۇق. ئەمما بىز قۇرغان تۈرلەر كېيىنكى قېتىم دېتالنى قوزغاتقاندا ئۇلانما شەكىلدە بۇ يەردە كۆرۈنىدىغان بولۇپ، بۇلارنى چېكىپ تېزلىكتە شۇ تۈرنى ئاچالايمىز.
بەتنىڭ سول تەرىپىدە «يېڭى تۈر(New Project – 新建项目)» ۋە «تۈرنى ئېچىش(Open Project – 打开项目)» دەپ ئىككى ئۇلانما بار. بىز «يېڭى تۈر»نى چېكىپ ياكى ھۆججەت(File – 文件) > يېڭى(New – 新建) > تۈر(Project – 项目) دېگەن تىزىملىك بويىچە كىرىپ تۆۋەندىكى دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. تۆۋەندىكىسى 2012 ھەمدە 2013 نەشىرىدىكى كۆرۈنۈش:
3.gif
Visual Studio Community 2015مۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بىرقانچە تاللانمىلار ئارتۇق قوشۇلغان:
4.gif
ئەمما Visual Studio Community 2017دە ئازراق پەرق بار بولۇپ، بۇ يەردە ئانچە كۆپ قىلىپ(Templates – 模板) يوق:
5.gif
سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن Visual Studioنى تاللىسىڭىز، قۇرغىلى بولىدىغان تۈر تىپلىرىنى بايقايسىز. يېڭى ئۆگىنىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، «Windows كۆزنەك پىروگىراممىسى(Windows Forms Application – Windows桌面应用)»نى تاللايمىز. بۇ Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئىجرا بولىدىغان كومپىيوتېر پىروگىراممىسى لاھىيەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ.
ئاستىغا قارايدىغان بولساق، نامى(Name – 名称) دېگەن تېكىست رامكىسىدا WindowsApplication1 ياكى WindowsApp1 دېگەن خەتنى كۆرىمىز. بۇ بىز قۇرماقچى بولغان تۈرنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. چۈنكى كېيىن سىز دېتالىڭىزنى WindowsApplication1, WindowsApplication2… دەپ ئاتاشنى خالىمايدىغانسىز. شۇڭا بىز تېكىست رامكىسىدىكى نامنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتتۇق:
My First Project(تۇنجى تۈرۈم دېگەن مەنىدە)

ئاستىدىكىسى تۈر ساقلىنىدىغان ئورۇن بولۇپ، سۈكۈتتىكى ئورۇننى ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى باشقا ئورۇننى تاللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۈر ساقلانغاندا سىز تاللىغان ئورۇنغا تۈر نامىدا بىر قىسقۇچ قۇرۇپ، شۇ ئورۇنغا ساقلايدۇ.
ھەئە كونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Visual Basic .NET بىلەن پىروگرامما تۈزىدىغان ئورۇن ئېچىلىدۇ:
6.gif
بۇ ھەقىقەتەن چوڭ دېتال. لىكىن ئۇنچە ئەندىشە قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىنكى دەرسلىرىمىزدە بۇنى ئاز-ئازدىن بۆلۈپ چۈشۈنۈپ چىقىمىز. ئۇزۇنغا قالماي سىزمۇ كەسپى پىروگىراممىرلاردەك ئۇنى ئۆز ئۇسۇلىڭىز بىلەن قولىڭىزدا ئوينىتىسىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 10:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
VB.NETدىكى كۆزنەكلەر

سۈكۈتتىكى كۆزنەك
Visual Basic .NETنىڭ لايىھەلەش مۇھىتىدا، ئاۋۋال دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى سول ئۈستى تەرەپتىكى چوڭ كاتەكچە. بۇنى بىز كۆزنەك(Form – 窗体) دەپ ئاتايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ پىروگراممىمىزنىڭ كىچىك بۆلىكى، باشقىلار دېتالىمىزنى قوزغاتقاندا بۇ بۆلەكنى كۆرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىر تازا يېقىشلىق دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن تېزلا ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولىسىز.
بۇ كۆزنەكنى قوزغىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىدەك:
  • تىزىملىكتىن سىناشنى(Debug – 调试) چېكىمىز
  • تارماق تىزىملىكتىن قوزغىتىشنى(Start – 启动) چېكىمىز
  • ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5نى باسساقمۇ بولىدۇ
  • مانا دېتالىمىز قوزغالدى

مۇبارەك بولسۇن! سىز تۇنجى پىروگراممىڭىزنى قۇردىڭىز. بۇنىڭغا ئوخشايدىغۇ دەيمەن:
1.gif
كۆزنەكتىكى قىزىل رەڭلىك Xنى چېكىپ ئىجرا بولۇشتىن توختىتالايسىز. بۇ چاغدا سىز دېتال لايىھەلەش مۇھىتىغا قايتىسىز.
ئەگەر ئېكراننىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز، چىقىرىش(Output – 输出) كۆزنىكىنى كۆرىسىز:
2.gif
ئوڭ تەرەپتىكى مىخلاشنى ياكى خاتا بەلگىسىنى چېكىش ئارقىلىق بۇنى يوشۇرالايسىز:
3.gif
سىز يېڭى تۈر قۇرۇپ، ئۇنى ئىجرا قىلغاندا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى كۆزنەكنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككىسىدىن ئۈستىدىكىسى ھەقىقىي پىروگرامما. بۇ قانداق ئىش؟ نېمە ئۈچۈن ئىككى خىل كۆزنەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ سەۋەبىگە كەلسەك، Visual Basicدە ئىككى ئوخشىمىغان مۇھىت بار، بىرى لايىھەلەش يەنە بىرى سىناش. لايىھەلەش بۆلىكىدە سىز كۆزنەك بىلەن ھەپىلىشىسىز، ئۇنى بېزەش، تېكىست رامكىسى(TextBox – 文本框)، كۇنۇپكا(Button – 按钮) ۋە خەتكۈش(Label – 标签) قوشىسىز(كودمۇ بار ئەلۋەتتە) دېگەندەك. سىناش بۆلىكىدە پىروگراممىڭىزنى سىناپ، ئۇنىڭ قانداقراق بولغانلىقىنى كۆزىتىسىز.
ۋاقتىنچە كەسپىي سۆزلەردىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دىققەت، VB پىروگراممىسىدا ئىككى باسقۇچ بار: لايىھەلەش ۋە سىناش.
ئۇنداقتا، بىز ئازراق لايىھەلەپ باقامدۇق! بىراق بىز لايىھەلەشتىن بۇرۇن، ئانچە-مۇنچە قوراللارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئەمسە قوراللار نەدە؟ قورال ساندۇقتا!
ئەمسە دىققىتىڭىز كېيىنكى دەرسلىكىمىزدە بولسۇن.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 11:00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورال ساندۇقىدىكى كونتىروللارنى ئىشلىتىش

كۇنۇپكا(Button – 按钮)، تېكىست رامكىسى(TextBox – 文本框) ھەمدە خەتكۈش(Label – 标签) قاتارلىقلارنى كۆزنىكىمىزگە(Form – 窗体) قوشۇشقا بولىدۇ. بۇلار كونترول دېيىلىدۇ ھەمدە ئىشلىتىشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن قۇرال ساندۇقتا تۇرىدۇ.
قۇرال ساندۇقنى ئېكراننىڭ سول تەرىپىدىن تاپالايسىز. ئاستىدىكى رەسىمدە، Form1نىڭ يېنىدا قورال ساندۇقىنىڭ سىنبەلگىسى بار(Community 2015 ھەمدە 2017 نەشرىدە مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچى<Server Explorer – 服务器管理器> نامىدا ئارتۇق بەتكۈش بار):
1.gif
ئەگەر سۈكۈتتە ئۇنداق يەر بولمىسا، تىزىملىك كۆرۈنۈشنى(View – 视图) چەكسىڭىز تارماق تىزىملىكتە قورال ساندۇق دەپ تۈر بار. شۇنى چەكسىڭىزلا قورال ساندۇق پەيدا بولىدۇ:
2.jpg
بارلىق قوراللارنى كۆرۈش ئۈچۈن، بەتكۈش قۇرال ساندۇقنى چېكىڭ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىلەر كۆرۈلىدۇ:
3.gif
بۇ يەردە قوراللارنىڭ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى بار. بىز ئىشنى ئاۋۋال دائىملىق كونتروللارنى(Common Controls – 公共控件) ئىشلىتىشتىن باشلايمىز. بۇ قوراللارنى كۆرۈش ئۈچۈن، دائىملىق كونتروللارنىڭ يېنىدىكى قوشۇش ياكى ئىسترېلكا بەلگىسىنى چېكىمىز. بۇ چاغدا ئۇزۇن كەتكەن قوراللار تىزىملىكىنى كۆرەلەيسىز:
4.gif
كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، كونتروللار ھەقىقەتەن كۆپ! لېكىن بىز دەسلەپتە پەقەت كۇنۇپكا، تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈشنىلا ئىشلىتىمىز.
ئەگەر قورال ساندۇقىنىڭ دائىم كۆرۈنۈشىنى خالىسىڭىز، Xنىڭ يېنىدىكى مىخلاشنى چەكسىڭىز بولىدۇ. قورال ساندۇقنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، مائۇسنى ئىسترېلكىسىنى يۆتكەپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ، ياكى قورال ساندۇق دېگەن خەتنى قايتا چەكسىڭىز بولىدۇ.
كېيىنكى دەرسلىكتە، كۆزنەككە تېكىست رامكىسىنى قانداق قوشۇشنى ئۆگىنىپ ئۆتىمىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 11:04:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنەككە قورال(كونتىرول) قوشۇش


كۆزنەككە تېكىست رامكىسى قوشۇش
بىز ئەمدى كۆزنىكىمىزگە تېكىست كونترولىنى قوشۇپ باقايلى. قورال ساندۇقنى ئېچىۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق كونترولنى قوشۇشقا بولىدۇ:
  • تېكىست كونترولىنى(TextBox) تاپىمىز
  • سىنبەلگىسىنى قوش چېكىمىز
  • كۆزنەككە كونترول قوشۇلدى

1.gif
تېكىست كونترولى كۆزنەكنىڭ سول ئۈستى تەرىپىگە قوشۇلدى. بۇنى تۆۋەنگە يۆتكەش ئۈچۈن، مائۇس بىلەن كونترولنى تاللىغاندىن كېيىن، قويۇۋەتمەي تۇرۇپ، باشقا ئورۇنغا تارتىپ يۆتكىسەك بولىدۇ:
2.gif
مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى قويۇۋەتكەن چاغدىكى تېكىست كونترولىنىڭ گىرۋىكىدىكى كىچىك كاتەكچىگە دىققەت قىلىڭ:
3.gif
كونترولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك كاتەكچە ئارقىلىق كونترولنىڭ چوڭ-كېچىلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مائۇسنى بۇ كاتەكچىلەرنىڭ ئۈستىگە ئەكەلگەندە مائۇس ئىسترېلكىسى ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مائۇسنى يۆتكىسەك، كونترولنىڭ چوڭلۇقىمۇ تەڭ ئۆزگىرىدۇ. قېنى سىزمۇ ئۆزىڭىز خالىغان چوڭلۇقتا ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.
بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، تېكىست كونترولنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى سۈكۈت ھالەتتە تېكىست رامكىسى پەقەت بىر قۇر مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدۇ. Microsoft شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە بىر قۇر تېكىستكە نىسبەتەن ئېگىزلىكنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەن. ئەگەر كۆپ قۇرلۇق تېكىست بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىمۇ ئۆگىنىۋالىسىز.
  • قورال ساندۇقىدىكى تېكىست رامكىسىنىڭ(TextBox) سىنبەلگىسىنى قوش چېكىپ(ياكى باشتا ئەكىرىۋالغان تېكىست رامكىسىنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، كۆچۈرۈپ چاپلىساقمۇ بولىدۇ)، يەنە ئىككى تېكىست رامكىسىنى ئەكىرىمىز.
  • يېڭىدىن ئەكىرگەن تېكىست كونترولنىڭ چوڭلۇقىنىمۇ باشتىكىسى بىلەن ئوخشاش تەڭشەيمىز.
  • بۇ كونتروللارنى ئازراق بوشلۇق قويۇپ، ئاستى-ئۈستى تىزىمىز.

4.gif

كۆزنەككە خەتكۈش قوشۇش
بىز ئەمدى تېكىست رامكىسىنىڭ يېنىغا خەتكۈش(Label) قوشۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويايلى:
  • خەتكۈش كونترولىنى(Label) تاپىمىز
  • سىنبەلگىسىنى قوش چېكىمىز
  • كۆزنەككە كونترول قوشۇلدى

5.gif
ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن خەتكۈشنى تېكىست رامكىسىنىڭ سول يېنىغا يۆتكەيمىز. ئاندىن يەنە ئىككى خەتكۈش قوشۇپ، ئۇلارنىمۇ باشقا ئىككى تېكىست رامكىسىنىڭ سول يېنىغا يۆتكەيمىز.
6.gif
ئەمدى پىروگراممىمىزنىڭ قانداقراق بولغىنىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، تىزىملىكتىن سىناش(Debug – 调试) > سىناشنى قوزغىتىشنى(Start Debugging – 启动调试) چېكىمىز. ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5نى باسىمىز:
7.gif
پىروگراممىنى توختىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرىنى قىلسىڭىز بولىدۇ:
  • كۆزنەكنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى قىزىل Xنى چېكىش.
  • تىزىملىكتىن سىناش(Debug – 调试) > سىناشنى توختىتىشنى(Stop Debugging – 停止调试) چېكىش.
  • كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift + F5نى بېسىش.

8.gif
سىز يەنە رەسىمدىكىدەك قورالبالداقتىكى توختىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىقمۇ پىروگراممىنى توختىتالايسىز:
9.gif
(ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Community 2015/2017 بولسا، سول تەرەپتە دىياگنوز قوراللىرىنى كۆرەلەيسىز.)
سىز يەنە سىنىماي تۇرۇپمۇ قوزغىتالايسىز. يەنى تىزىملىكتىن سىناش(Debug – 调试) > قوزغىتىشنى(Start Without Debugging – 启动) چەكسەك بولىدۇ. توختىتىش ئۈچۈن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى Xنى چەكسەك لايىھەلەش مۇھىتىغا قايتىدۇ.
مانا، خېلى بىر يەرگىچە كەپتۇق. ھازىر كۆزنىكىمىز ئىشلەتكۈچىلەر تولدۇرسا بولىدىغان جەدۋەل سىياقتىكى پىروگراممىغا ئوخشىدى. لېكىن ھازىر خەتكۈشلەردە ئۆزىنىڭ سۈكۈتتىكى خېتى بولغاچقا، بىزگە زادى نېمە تولدۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا بىز ئۆزىمىز خالىغان مەزمۇننى قانداق چىقىرىمىز؟ تېكىست رامكىسىدا سۈكۈتتىكى قىممەتنى قانداق بەلگىلەيمىز؟
بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز خاسلىق ھەققىدە توختىلىشىمىز كېرەك.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 12:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
VB.NET ۋە خاسلىق

بەلكىم لايىھەلەش مۇھىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇ يەردە تېكىست رامكىللىرى تورسىمان ھالەتتە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە «AccessibleDescription»، «AccessibleName» ۋە «AccessibleRole»غا ئوخشاش غەلىتە ناملار بار. بۇنى بىز خاسلىق رامكىسى دەيمىز.
كۆزنەكنىڭ(Form) خەتكۈش(Label) ۋە تېكىست رامكىسىغا(TextBox) ئوخشاش كونتروللار بولمىغان يەرلىرىنى يەنى كۆزنەكنىڭ كۈلرەڭ رايونىنى چەكسىڭىز، كۆزنەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنى كۆزنەك تاللاندى دەيمىز.
لايىھەلەش مۇھىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، تۆۋەندىكىدەك خاسلىق رامكىسى بار:
1.gif
ئەگەر خاسلىق رامكىسىدا «TextBox1 TextBox» ياكى «Label1 Label» دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈنسە، كۆزنەك تاللانمىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا خاسلىق رامكىسىدا Form1 كۆرۈنگىچە كۆزنەكنىڭ باشقا قىسىملىرىنى چېكىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
بۇ خاسلىق رامكىسىدا كۆرۈۋاتقانلىرىڭىز كۆزنەكنىڭ خاسلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار: Name، BackColor، Font، Image، Text قاتارلىقلار. بۇ ناملارنىڭ ئوڭ يېنىدا بۇ خاسلىقلارنىڭ قىممىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈكۈتتىكى قىممىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بىز Text خاسلىقىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىپ باقايلى.
ئاۋۋال، سىز بۇ خاسلىق تىزىملىكىنىڭ پايدىلىنىشقا ئاسان بولۇشىنى ئويلايسىز ئەلۋەتتە. بۇ تىزىملىكتىكى خاسلىقلارنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك، خاسلىق رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرپ سىنبەلگىسىنى چېكىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يىتەلەيسىز:
2.gif
مانا ئەمدى تىزىملىكتىن لازىملىق خاسلىقنى ئاسانلا تاپالايسىز.
خاسلىق رامكىسىدىكى خاسلىق قىممەتلىرىنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، بىز «خاسلىق»نىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى.

خاسلىق دېگەن نېمە؟
بىز كۆزنەككە قوشقان كونتروللار(تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈش دېگەندەك) ھەمدە شۇ كۆزنەكنىڭ ئۆزىنى كونترول ئوبيېكتى دەيمىز. بۇ كونتروللارنى بىز نەرسىگە ئوخشاتساق، بۇلارنى كۆتۈرۈشكە ۋە يۆتكەشكە بولىدۇ. بۇ كونتروللار(نەرسە) خاسلىققا ئىگە. مەسىلەن تېلېۋىزورنى كونترول دېسەك، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خاسلىقلىرى بار: ئۈزچات كۇنۇپكا خاسلىقى، رەڭ خاسلىقى، ئاۋاز خاسلىقى ھەمدە … دېگەندەك. قېنى تېلېۋىزورىڭىزنىڭ يەنە قانداق خاسلىقى بار؟ ئويلاپ بېقىڭ.
تېلېۋىزوردىكى بۇ خاسلىقلارنىڭ قىممىتى بار. ئۈزچات كۇنۇپكىسىنىڭ ئېچىش ۋە ئېتىشتىن ئىبارەت ئىككى قىممىتى بار. ئاۋاز خاسلىقىنىڭ دائىرە قىممىتى بار، مەسىلەن نۆلدىن ئونغىچە دېگەندەك. ئەگەر سىز ئاۋاز خاسلىقىنى 10 قىلىپ تەڭشىسىڭىز، ئەڭ يۇقىرى قىممەت بولىدۇ، بەلكىم بۇ چاغدا بەزى قوشنىڭىز قاتتىق غەزەپلىنىشى مۇمكىن!
VB.NETدا، خاسلىقنىڭ قىممىتىنى خاسلىق رامكىسىدا ئۆزگەرتەلەيمىز(كود ئارقىلىقمۇ خاسلىقنى ئۆزگەرتىشكە ۋە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ). ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ Form ئوبيېكتى، خاسلىقى ۋە قىممىتىغا قايتىپ كەلسەك، خاسلىق رامكىسى ئارقىلىق خاسلىقنى قانداق ئۆزگەرتىمىز كۆرۈپ باقايلى. بىز بۇ يەردە پەقەت بىرلا قىممەتنى يەنى Text خاسلىقىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىمىز. ئاۋۋال تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك، خاسلىق رامكىسىدىن «Text» دېگەن خەتنى ئىزدەپ تاپىمىز:
3.gif
properties_1 (1)«Text» خاسلىقىنىڭ قىممىتى Form1. ھەرگىزمۇ Textنىڭ يېنىدىكى Form1 دېگەن خەتكە قاراپ قايمۇقۇپ قالماڭ. بۇ Text خاسلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى قىممىتىنىڭ Form1 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈكۈتتىكى قىممىتى.
بۇ قىممەتنى ئۆزىمىز خالىغان قىممەتكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز:
  • «Text» خېتىنىڭ يان تەرىپىنى چېكىپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئۆچۈرۈش(Backspace) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «Form1» دېگەن خەتنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز.
  • «Form1» دېگەن خەتنى ئۆچۈرۈپ بولۇپ، «My First Form»(تۇنجى كۆزنىكىم دېگەن مەنىدە) دېگەن خەتنى كىرگۈزىمىز.

4.gif
  • كۆزنەكنى(خەتكۈش ۋە تېكىست رامكىسى بار كۆزنەك) تاق چەكسەك ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.
  • كۆزنەكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كۆك تەگلىكتە «My First Form» دېگەن خەت ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

مانا، تېكىست خاسلىقىنىمۇ ئۆزگەرتىۋالدۇق، سىزنىڭ كۆزنىكىڭىزمۇ رەسىمدىكىدەك ئۆزگەردىغۇ دەيمەن:
5.gif
مانا، بۈگۈن كۆزنەكنىڭText خاسلىقى بىلەن كۆزنەكنىڭ تېما بالدىقىدىكى مەزمۇننى بەلگىلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالدۇق. كېيىنكى مەزمۇندا، تېكىست رامكىسى بىلەن خەتكۈشنىڭ Text خاسلىقىنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

ئالاقىدار خاسلىقلارغا چۈشەنچە
Text – تېكىست. ئادەتتە كۆزنەك، تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈش قاتارلىق كونتىروللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى خەتلىك مەزمۇنلارنىڭ قىممىتى بەلگىلەيدىغان خاسلىق.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 12:53:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Text خاسلىقى

بىر قىسىم خاسلىقلارنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش بىر قەدەر ئاسان. بۈگۈن بىز خەتكۈشنىڭ(Label) Text خاسلىقى بىلەن تېكىست رامكىسىنىڭ Text خاسلىقىنى ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ باقايلى.
Label1نى چەكسەك، ئۇ تاللىنىپ گىرۋىكىدە كاتەكچە پەيدا بولىدۇ. ئاندىن Labelنىڭ خاسلىق رامكىسىغا قارايمىز:
properties_4.gif
قارىسىڭىز Label كونترول خاسلىقىنىڭ پەقەت بىر قانچە خاسلىقىنىڭلا Form كونترول خاسلىقى بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەمدى يەنە تېلېۋىزورنى كونترولغا ئوخشىتىپ ئويلاپ باقايلى. ئۇنىڭ بىلەن DVD ئۈسكۈنىسىدە ئوخشىمايدىغان بىرقانچە كۇنۇپكا ۋە بۇرىغۇچلار بار. خۇددى Label بىلەن Formدا ئوخشىمايدىغان خاسلىق بولغىنىدەك.
لېكىن، Labelنىڭ يەنىلا ئاساسلىق خاسلىقلىرى Formنىڭ خاسلىقلىرى بىلەن ئوخشاش Labelنىڭ Text  خاسلىقىغىمۇ ئۆزىمىز باشقا قىممەت بېرەلەيمىز:
  • Label1نى تاللىغاندىن كېيىن، Textنىڭ يان تەرىپىنى چېكىپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۆچۈرۈش(Backspace) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Label1 دېگەن خەتنى ئۆچۈرىۋېتىمىز.
  • «First Name»(ئىسىم دېگەن مەنىدە) دېگەن خەتنى كىرگۈزىمىز.
  • كۆزنەكتىكى كۈلرەڭ ئورۇننى چېكىمىز ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Enter كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
  • Label1نىڭ مەزمۇنى «First Name»غا ئۆزگەردى.
  • ئەگەر خاتا كىرگۈزگەن بولسىڭىز، ئۈستىدىكى بىرىنچى باسقۇچتىن باشلاپ قايتا سىنىسىڭىز بولىدۇ.

كۆزنىكىمىز ئەمدى تۆۋەندىكى ھالەتكە كەلدى:
form_label_rename.gif
ئەمدى باشقا ئىككى Labelنىڭ Text خاسلىقىنىمۇ تۆۋەندىكى قىممەتكە ئۆزگەرتىمىز:
Label2نى LastName(فامىلە دېگەن مەنىدە)گە ئۆزگەرتىمىز.
Label3نى Telephone Number(تېلېفون نومۇرى دېگەن مەنىدە)گە ئۆزگەرتىمىز.
دىققەت قىلدىڭىزمۇ، سىز Enter كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن، خەتكۈشنىڭ چوڭلۇقى ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىۋاتىدۇ. ئەمدى خەتكۈشنى ئازراق سولغا سۈرسەك، كۆزنىكىمىز بۇ ھالەتكە كېلىدۇ:
form_label_rename2.gif
كۆزنەك قارىماققا سەل قىسىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بۇنى چوڭايتىشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟ ئەمدى بۇنى كۆرۈپ باقايلى.
كۆزنەكنىمۇ خۇددى خەتكۈش ۋە تېكىست رامكىسىنىڭ چوڭلۇقىنى تەڭشىگەندەك تەڭشىگىلى بولىدۇ. كۆزنەكنىڭ خەتكۈش ۋە تېكىست رامكىسى بولمىغان باشقا خالىغان ئورۇننى چېكىمىز. ئەمدى كۆزنەكنىڭ گىرۋەكلىرىگە قاراپ بېقىڭ، بىزگە خېلى تونۇشلۇق بولۇپ قالغان كاتەكچە پەيدا بولدىمۇ. ئەمدى كۆزنەكنى چوڭايتىش ئۈچۈن، مائۇس بىلەن تارتساقلا بولىدۇ. ئەمدى خەتكۈش بىلەن تېكىست رامكىسىنىڭ ئورنىنىمۇ ئازراق تەڭشەپ قويساق، كۆزنىكىمىز مۇشۇنداقراق ھالەتكە كېلىدۇ:
form_resized.gif
ئەمدى سىناش(Debug – 调试) > قوزغىتىشنى(Start – 启动) چېكىپ ياكى F5نى بېسىپ، پىروگراممىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ. سىناش(Debug – 调试) > سىناشنى توختىتىشنى(Stop Debugging – 停止调试) چېكىپ ياكى Shift+F5 ۋە ياكى كۆزنەكتىكى قىزىل رەڭلىك Xنى چېكىپ، لايىھەلەش مۇھىتىغا قايتالايسىز.
ئەمدى كۆزنەكنىڭ رەڭگى-روھىنى تەڭشەپ باقامدۇق؟

ئالاقىدار خاسلىقلارغا چۈشەنچە
Text – تېكىست. ئادەتتە كۆزنەك، تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈش قاتارلىق كونتىروللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى خەتلىك مەزمۇنلارنىڭ قىممىتى بەلگىلەيدىغان خاسلىق.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 12:58:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەڭ بېرىش

ھازىر كۆزنىكىمىز قارىماققا ئازراق رەڭسىز تۇرىدۇ. بۈگۈن بىز كۆزنەككە ئازراق رەڭ بېرىپ باقايلى.
كۆزنەكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ بىر خاسلىقىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك – BackColor(تەگ رەڭ) خاسلىقى.
كۆزنەكنىڭ تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈش بولمىغان كۈلرەڭ يېرىنى چېكىپ، كۆزنەكنى تاللايمىز. ئەگەر توغرا تاللانغان بولسا، كۆزنەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىدىغان رامكا كۆزنەك گىرۋىكىدە كۆرۈنىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى خاسلىق رامكىسىدىمۇ Form1 دەپ كۆرۈنىدۇ. دېمەك كۆزنەكنى توغرا تاللىدىڭىز، ئەمدى خاسلىقنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.
كۆزنەكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، خاسلىق رامكىسىدىن «BackColor(تەگ رەڭ)» دېگەن سۆزنى ئىزدەپ تاپىمىز. ئەمدى، ئوڭ تەرەپتىكى تۆۋەنگە قارىتىلغان ئىسترېلكا بەلگىسىنى چەكسەك، ئاسما تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.
properties_backcolor.gif
تاللانغان سۈكۈتتىكى رەڭ «سىستېما(System)» بەتكۈچىدىكى – Control. سىستېما رەڭگى ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېر تەڭشىكىدە تاللىغان رەڭ لايىھەسىنى ئالىدۇ. مەسىلەن، سىز Windows XPدىكى «كۆرۈنۈش خاسلىقى(Display Properties – 显示属性)» دىيالوگ رامكىسىدا ئۆزگەرتكەن تىزىملىك ۋە كۇنۇپكا كۆرۈنۈشىنى. بەزىلەر رەڭ قارىغۇسى بولغاچقا، كومپيۇتېردىكى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن، بەلكىم رەڭ خاسلىقىنى ئۆزگەرتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز سىستېما رەڭگىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، رەڭ قارىغۇسى سىزنىڭ دېتالىڭىزنى قىينالمايلا ئىشلىتەلەيدۇ.
ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرگىنىڭىزدەك، سىز يەنە ActiveCaption(ئاكتىپ تېما) دېگەن رەڭنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز ئىلگىرى كۆزنەك تېمىسىنى My First Form(تۇنجى كۆزنىكىم)غا ئۆزگەرتكەندە، مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا تېما تەگلىكى كۆك رەڭدە، خېتى ئاق رەڭدە ئىدى. بەلكىم سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا يەنە باشقا خىل كۆرۈنگەن بولىشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز سىستېما رەڭگىنى ئىشلەتمەيمەن دېسىڭىز، «ئىختىيارى(Custom)» بەتكۈچىنى چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدە رەڭ تاختىسى كۆرۈنىدۇ:
properties_backcolor2.gif
رەڭ تاختىسىدىكى خالىغان رەڭنى تاللاش ئارقىلىق كۆزنەكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە بىز سۆسۈن رەڭنى تاللىدۇق.
سىز يەنە «تور(Web)» بەتكۈچىنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنى تاللىغاندا بىر قاتار بىخەتەر تور رەڭ تىزىملىكىنى كۆرەلەيسىز. بۇ رەڭلەر مەيلى سىز قايسى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىڭ(قانداقلا بولسۇن، نەزەرىيە جەھەتتىن مۇشۇنداق) ئوخشاش بىر رەڭنى كۆرەلەيسىز. بىخەتەر تور رەڭلىرى Web تور كۆرگۈچىدە توغرا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز بىر تور تۈرىنى لايىھەلەۋاتقان بولسىڭىز، بەلكىم بۇ رەڭلەرنى ئىشلىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمىسىمۇ بۇ رەڭلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
خەتكۈشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئاۋۋال خەتكۈشنى تاللىۋالىمىز، ئاندىن BackColor خاسلىقىنى تېپىپ، كۆزنەكنىڭكىنى ئۆزگەرتكەندەك ئۆزگەرتسەكلا بولىدۇ.
باشقا ئىككى خەتكۈشنىڭ رەڭگىنىمۇ ئۆزىڭىز خالىغان رەڭدە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كۆپ خەتكۈش رەڭگىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئارىسىدىن بىر خەتكۈشنى تاللىۋىلىڭ. ئاندىن «Ctrl» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، قالغان خەتكۈشلەرنىمۇ تاللاڭ. بۇ چاغدا تاللانغان
خەتكۈشلەرنىڭ گىرۋىكىدە ئوخشاشلا كاتەكچە پەيدا بولىدۇ. دېمەك بىر قانچە خەتكۈش بىراقلا تاللاندى. ئاخىرىدا خاسلىق رامكىسىدىكى BackColor خاسلىقىدىن رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتسەكلا بولىدۇ.
بەلكىم ئاراڭلاردا خەتكۈشنىڭ Text خاسلىقىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز خەتكۈشتە كۆرۈنگەن خەتنىڭ ئازراق كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمدى بىز خەتكۈشنىڭ خەت نۇسخىسى ۋە چوڭلۇقىنى ئۆزگەرتىشنى كۆرۈپ باقايلى.
  • Label1نى تاللايمىز.
  • خاسلىق رامكىسىدىكى سىيرىلما تاياقچىنى Font(خەت نۇسخا) دېگەن خەت كۆرۈنگىچە چۈشۈرىمىز.
  • Font دېگەن خەتنى چېكىپ تاللايمىز.
  • كۆرۈنگەن Microsoft Sans Serif بولسا سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسى.

properties_font.gif
Font خېتىنىڭ يېنىغا قارايدىغان بولساق، كىچىك بىر قوشۇش بەلگىسىنى كۆرىمىز. بۇنى چېكىش ئارقىلىق Font خاسلىقىنى تۆۋەندىكىدەك يېيىشقا بولىدۇ:
properties_font_expanded.gif
كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىڭىزدەك، بۇ يەردىن خەت نۇسخىسىغا ئالاقىدار نۇرغۇن قىممەتلەرنى تەڭشىيەلەيسىز: خەت نۇسخىسى، چوڭلۇقى، توم ۋە يانتۇغا ئوخشاش پاسونى دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا Font خېتىنىڭ يېنىدىكى ئۈچ چېكىتلىك كۇنۇپكىنى چەكسەك، دىيالوگ رامكىسى چىقىدىغان بولۇپ، بۇ رامكىدىمۇ ئوخشاشلار خەت نۇسخىسىغا ئالاقىدار قىممەتلەرنى تەڭشەشكە بولىدۇ.
تۆۋەندە ئۈچ خەتكۈشنىڭ خەت نۇسخىسىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ باقايلى:
Font – خەت نۇسخىسى: ALKATIP
Size – چوڭلۇقى: 10
Style – پاسونى: Bold(توم)
ئەمدى ئۈچ تېكىست رامكىسىنىڭ خەت نۇسخىسىنىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش تەڭشەيلى. تەڭشەپ بولۇپ، قارايدىغان بولساق كۆزنىكىمىز ئەمدى بىر ھەقىقىي پىروگراممىغا ئوخشىدى. ئەمدى قىلغانلىرىمىزنى ساقلايدىغان چاغ كەلدى. قىزىقسىڭىز كېيىنكى دەرسلىكنى كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ.

ئالاقىدار خاسلىقلارغا چۈشەنچە
BackColor – تەگ رەڭ. ئادەتتە كۆزنەك، تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈش قاتارلىق كونتىروللارنىڭ تەگ رەڭگىنى بەلگىلەيدىغان خاسلىق.
Font – خەت نۇسخا. ئادەتتە كۆزنەك، تېكىست رامكىسى ۋە خەتكۈش قاتارلىق كونتىروللارنىڭ خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەيدىغان خاسلىق.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 13:00:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاش

لايىھەلەش مۇھىتىدىكى ئۈستى ئوڭ تەرەپكە قارىسىڭىز، مەنبە باشقۇرغۇچنى(Solution Explorer-解决方案资源管理器) كۆرەلەيسىز(ئەگەر بولمىسا، ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن كۆرۈنۈش(View-视图) > مەنبە باشقۇرغۇچنى(Solution Explorer-解决方案资源管理器) چەكسىڭىز بولىدۇ).
solution_explorer.gif
مەنبە باشقۇرغۇچتا بىز قۇرغان تۈرنىڭ(Project-项目) ھەممە ھۆججىتى بار(دىققەت، تۈرنىڭ نامى ئۈستۈنكى شاخچىدە بار – My First Project).
ھازىرقى ھالەتتە قارىسىڭىز، تۈرنىڭ ھۆججەتلىرى ئانچە كۆپ ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئاستىدىكى رەسىمدە چەمبەرگە ئېلىنغان بارلىق ھۆججەتنى كۆرسىتىش(Show All Files-显示全部文件) سىنبەلگىسىنى چەككەندە:
solution_explorer_all_files.gif
ئەمدى، سىنبەلگىنى چەككەندىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ بېقىڭ:
sol_explorer_all_files2.gif
تۈرنى ساقلىغاندا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىنى ساقلىشىمىز كېرەك. ساقلاش ئۈچۈن، تىزىملىكتىن ھۆججەت(File-文件) > ھەممىنى ساقلاشنى(Save All-全部保存) چېكىمىز. بۇ چاغدا ھۆججەتلىرىڭىز كومپيۇتېردىكى «ھۆججەتلەر(Document-文档)» قىسقۇچىدىكى Visual Studio 2017 نامىدىكى(ياكى سىز ئىشلىتىۋاتقان نەشر نامى) مۇندەرىجىگە ساقلىنىدۇ. Visual Studio 2017 قىسقۇچىنى قوش چېكىپ كىرسىڭىز، Projects(تۈرلەر) مۇندەرىجىسىنى كۆرىسىز. سىز بايا ساقلىغان تۈر دەل مۇشۇ قىسقۇچنىڭ ئىچىدە.
SaveAll_Menu.png
پەقەت تىزىملىكتىن ھۆججەت(File-文件) > ھەممىنى ساقلاشنى(Save All-全部保存) بېسىپ، تۈرنى ھەرۋاقىت ساقلاپ تۇرالايسىز. ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+Shift+Sنى باسساقمۇ ۋە ياكى قورالبالداقتىكى ساقلاش سىنبەلگىسىنى(دەستىلەنگەن دىسكا سىنبەلگىسى) چەكسەكمۇ بولىدۇ. دائىم ساقلاپ تۇرسىڭىز، تاسادىپىي كومپيۇتېردىن كاشىلا كۆرۈلۈپ قالسىمۇ ھۆججەتلىرىڭىز يوقاپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.
SaveAll_ToolBar.png
كېيىنكى دەرسلىكتىن باشلاپ، بىز ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق پىروگرامما تۈزۈشنى كۆرۈمىز. چۈشەندۈرۈش تەپسىلىي بولىدىغان بولۇپ، زىيادە ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 13:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى تۈر قوشۇش

بۇ بابتا بىز ئاساسلىق Visual Studio دېتالى، كونتىرول ئوبىكتى ۋە خاسلىق قاتارلىق نوقتىلار بىلەن يۈزەكى تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى كېيىنكى بابتىن باشلاپ، كود يېزىشقا ئۆتۈپ كېتىمىز. ئۇنداقتا بىز كېيىنكى سائەتلىك دەرس ئۈچۈن، يېڭى تۈردىن بىرنى قۇرۇپ قويايلى.
ئەگەر Visual Studio دېتالىنى قوزغىتىپ بولغان بولسىڭىز، تىزىملىكتىن ھۆججەتنى(File-文件) چېكىپ، چىققان ئاسما تىزىملىكتىن مەنبەنى تاقاشنى(Close Solution-关闭解决方案) چېكىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى تۈرنى تاقاپ، باشلاش بېتىگە قايتىمىز. ئاندىن يەنە تىزىملىكتىن ھۆججەت(File-文件) > يېڭى تۈرنى(New Project-新建项目) چېكىپ، ئاستىدىكى رەسىمگە ئوخشاش دىيالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. بۇ يەردىن ئۈستىدىكى Windows Forms App ياكى Windows Forms Applicationنى تاللاپ، نامىنى WindowAppتىن Variables(ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار دېگەن مەنىدە) قا ئۆزگەرتىمىز.
new_project_db.gif
سىز ھەئە كونۇپكىسىنى باسقاندا، يېڭى كۆزنەك(Form-窗体) پەيدا بولىدۇ. مەنبە باشقۇرغۇچقا(Solution Explorer-解决方案管理器) قارىساق، ئۈستىدە بىز يېڭى قويغان ئىسىم بار.
solution_explorer1.gif
ھازىر تۈرىمىزنىڭ نامى Variables(ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار) بولۇپ، بۇ تۈردىكى ھۆججەتلەر مۇشۇ نامدىكى ھۆججەت قىسقۇچقا ساقلىنىدۇ.
ھازىر بىز يېڭى بىر پىروگراممىنى باشلىۋالدۇق، بۇنىڭدا بىز ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز. قىزىقسىڭىز كېيىنكى سائەتلىك مەزمۇنلىرىمىزغا دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 13:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگەرگۈچى مىقدار دېگەن نىمە؟

بىز نىمە ئۈچۈن ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى تەھلىل قىلىمىز؟ ئۆزگەرگۈچى مىقدار دېگەن نىمە؟
Visual Basic ۋە كۆپ قىسىم پىروگىرامما تىللىرىدا، بىزنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتىمىز، كومپىيوتېر ئىچكى ساقلىغۇچىدا بىر نەرسىلەرنى ساقلاش، ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش. ئەگەر سىز ئىككى ساننى قوشماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال سانلارنى ساقلاش رايونىغا قويۇپ، Visual Basicكە ئۇلارنى قوشۇشنى «ئېيتىسىز». ئەمما ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارسىز بۇ ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.
شۇڭا ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى كومپىيوتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىدىكى ساقلاش رايۇنى دېسەك بولىدۇ. بۇنى مۇنداق ئوخشىتىشقا بولىدۇ: ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى قۇرۇق قەغەز قۇتا دەيلى. ئەمدى سىزنىڭ چوڭ بىر ياتىقىڭىز بار، ھەمدە بۇ ياتاقتا نۇرغۇنلىغان قۇرۇق قەغەز قۇتا بار. ھەر بىر قۇرۇق قەغەز قۇتا بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار. ئەمدى ئىككى ساننى ئۆزئارا قوشۇش ئۈچۈن، بىرىنچى ساننى بىر ۋاراق قەغەزگە يىزىپ، بىر قۇرۇق قەغەز قۇتىغا سالدىڭىز. ئىككىنچى ساننىمۇ يەنە بىر ۋاراق قەغەزگە يىزىپ، يەنە بىر قۇرۇق قەغەز قۇتىغا سالدىڭىز.
ئەمدى، نەچچە مىڭلىغان قەغەز قۇتا ئىچىدە، پەقەت ئىككى قەغەز قۇتىدىلا بىز سان يازغان قەغەز بار. بىز بۇ ئىككى قەغەز قۇتىنى باشقا قۇتىلاردىن پەرىقلەندۈرەلىشىمىز ئۈچۈن، بۇ قۇتىلارغا چاپلاق قەغەز چاپلاپ، ئۈستىگە number1(سان1) ۋە number2(سان2) دەپ يېزىپ قويدۇق.
بىز باياتىندىن بېرى نىمە ئىشلارنى قىلدۇق؟ ئەمەلىيەتتە، بىز چوڭ بىر ئىچكى ساقلىغۇچ رايونى(ياتاق ۋە قەغەز قۇتا) قۇرىۋالدۇق ھەمدە ئىككى قۇتىغا سان بەردۇق(ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار). بىز يەنە بۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا نام(چاپلاق قەغەز) بەردۇق.
ئەمدى بۇنىڭغا قارارپ باقايلى:
  1. Dim number1 As Integer
  2. Dim number2 As Integer
  3. number1 = 3
  4. number2 = 5
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ Visual Basic .NETنىڭ كودى بولۇپ، VBدا ئۆگەرگۈچى مىقدارلارنى قۇرۇش(ياكى ئېنىقلاش) ئۇسۇلى. تۆۋەندە بىز بۇ ئېنىقلانغان ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى پارچىلاپ كۆرۈپ باقايلى:
  1. Dim
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

Dimension(رەزمىر، چوڭ-كىچىكلىك ۋە ئۆلچەم)نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، تىپى ئۆزگەرگۈچى مىقدار. بۇ سۆز بىلەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئېنىقلايمىز(ياكى Visual Basicقا «ئېيتىمىز»). سەل تۇرۇپ يەنە باشقا ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى كۆرىمىز، ئەمما سىز ھازىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئېنىقلاشنى Dim بىلەن باشلايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
  1. number1
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

قەغەز قۇتا ۋە چاپلاق قەغەز ھەممىسى بىر گەۋدە بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ساقلاش رايونىدىكى ئۆگەرگۈچى مىقدار. Dim سۆزىدىن كېيىن، Visual Basic ئۆگەرگۈچى مىقدارنىڭ نامىنى ئىزدەيدۇ. سىز ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ناملارنى ئاساسەن بىرەلەيسىز، ئەمما ئاز بىر قىسىم ھالقىلىق سۆزلەرنى VB قوللىمايدۇ. ئۆگەرگۈچى مىقدارغا ئۆزىنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ناملارنى بېرىشمۇ بىر ياخشى ئادەت.
  1. As Integer
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەمدى بىز Visual Basicقا ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ سان(Integer<پۈتۈن سان>) ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويىشىمىز كېرەك. Integer بىلەن كېيىنچە ئايرىم تونۇشۇپ چىقىمىز.
  1. number1 = 3
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ يەردىكى تەڭ بەلگىسى ئەمەلىيەتتە تەڭلىك بولماستىن، = بەلگىسى قىممەت بېرىشنى ئىپادىلەيدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ئارقىلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارغا بەزى قىممەتلەرنى بېرىشكە بولىدۇ. بىز ھازىر Visual Basicقا نامى number1 بولغان ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا 3 دېگەن قىممەتنى بەر دەپ ئېيتتۇق. قەغەز قۇتىغا سالغان ھېلىقى قەغەزنى ئەسلەپ باقساق، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قۇر كود قەغەزگە ساننى يىزىپ قەغەز قۇتىغا سالغانغا باراۋەر.
ئەمدى كاللىڭىزدا ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا نىسبەتەن ئازراق ئۇقۇم پەيدا بولدىغۇ دەيمەن. ئەمدى ئازراق كود يېزىپ، بۇلارنى سىناپ باقايلى. ئاۋۋال، بىز كود كۆزنىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئىشلىرىمىزنىڭ ئازادە ۋە ئاسان بولىشى ئۈچۈن، كۆزنىكىمىزگە كونۇپكا ئەكىرەيلى. ھەمدە كونۇپكا بېسىلغاندا، كىچىك بىر ئۇچۇر رامكىسى كۆرۈنسۇن. تەلىيىمىزگە، بۇ يەردە كونۇپكا ۋە كىچىك ئۇچۇر رامكىسىغا يازىدىغان كود يوق. قىزىقسىڭىز كېيىنكى قېتىملىق دەرسلىكىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 13:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنەككە Button قوشۇش

ئالدىنقى مەزمۇنلاردا، قورال ساندۇقىدىكى كونتىروللارنى قوش چېكىپ كۆزنەككە ئەكىرىشنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن بىز يەنە باشقا خىل ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى. كۆزنىكىمىز Visual Basicنىڭ لايىھەلەش مۇھىتىدا كۆرۈنىۋاتقاندا، تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنى قىلىمىز:
  • قورال ساندۇقىدىكى Button(كونۇپكا) كونتىرولىنى مائوسنىڭ سول كونۇپكىسى بىلەن تاق چېكىمىز.
  • مائۇس ئىستىرىلكىسىنى كۆزنەكنىڭ قۇرۇق رايۇنىغا يۆتكەپ كېلىمىز. بۇ چاغدا مائۇس ئىستىرىلكىسى قوشۇش شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ.
  • مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، تۆۋەنگە سىيرىمىز.
  • كونۇپكىنىڭ ئۆزگۈرىۋاتقان چوڭ-كىچىكلىكىگە رازى بولغان چېغىمىزدا مائۇس كونۇپكىسىنى قويۇپ بېرىمىز.
  • كونۇپكا سىزىلىپ بولۇندى.

يۇقىرىدىكى تەرتىپ بويىچە خەتكۈش، كونۇپكا، تېكىست رامكىسى قاتارلىق كۆپ قىسىم كونتروللارنى كۆزنەككە ئەكىرەلەيسىز.
كونۇپكا كونترولىنىڭمۇ بىز ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن باشقا كونتروللارغا ئوخشاش خاسلىق تىزىملىكى بار. Text(تېكىست) خاسلىقى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ھازىر ئۇ خاسلىقنىڭ قىممىتى «Button1» بولۇپ، بۇنى ئۆزىڭىز خالىغان ھەرقانداق مەزمۇنغا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
  • كونۇپكىنى چېكىپ تاللايمىز.
  • خاسلىق رامكىسىدىن Text خاسلىقىنى چېكىمىز.
  • Text خېتىنىڭ يېنىدىكى ئورۇننى چېكىمىز.
  • «Button1» دېگەن خەتنى ئۆچۈرىمىز.
  • «Add two numbers» دېگەن خەتنى كىرگۈزىمىز(ئىككى ساننى قوشۇش دېگەن مەنىدە).
  • كۆزنەكنى بىر چېكىمىز.

ئەمدى كۆزنەككە تېكىست رامكىسىدىن(TextBox) بىرنى ئەكىرىمىز(قوش چېكىپ ياكى سىزىپ). كۆزنىكىمىز ھازىر بۇ ھالەتكە كىردى:
form_textbox_button.gif
كونۇپكىنىڭ Font(خەت نۇسخىسى) خاسلىقىنىمۇ ئۆزگەرتتۇق، بۇ بىز ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن خەتكۈش ۋە تېكىست رامكىسىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتكەن بىلەن ئوخشاش. ئەمدى كود كۆزنىكىنى كۆرۈپ باقايلى. Button(كونۇپكا) كونترولىنى قوش چەكسەك، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كود كۆزنىكى ئېچىلىدۇ:
button_code.gif
ئەمدى مائۇس ئىستىرىلكىسى لىپىلداۋاتقان ئورۇنغا دىققەت قىلايلى. بىز كونۇپكىنى قوش چېكىپ كود كۆزنىكىگە كىرگەن چېغىمىزدا، مائۇس ئىستىرىلكىسى Private Sub … بىلەن End Sub ئارىسىدا لىپىلداۋاتقان بولىدۇ.
تۆۋەندىكى بۆلەك دەل ھازىر بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلەك:
  1. Private Sub Button1_Click(sender As Object, e As EventArgs)
  2. _Handles Button1.Click
  3. End Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۈستىدىكى كودنىڭ قىزىل رەڭدە كۆرسىتىلگىنى دەل بىز تەھلىل قىلىدىغان بۆلەك. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نوقتا، بۇ يەردىكى ئاستى سىزىق بەلگىسى(_) بىر قۇرغا يىزىلىدىغان كودنى كۆپ قۇر قىلىپ يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر كودىڭىز بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، كۆرۈش ۋە تەھرىرلەش ئەپسىز بولۇپ قالسا، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.
  1. Private
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

Private(شەخسىي)نىڭ مەنىسى كونۇپكىدىن باشقا پىروگىراممىنىڭ باشقا بۆلىكى بۇ يەردىكى كودلارنى كۆرەلمەيدۇ.
  1. Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

Subroutine(تارماق پىروگرامما)نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «Sub» سۆزى VBغا بىر قىسىم كودنىڭ ئىجرا قىلىنسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
  1. Button1
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ كونۇپكىمىزنىڭ نامى بولۇپ، سىز بەلكىم بايا كونۇپكىنىڭ Text خاسلىقىنى ئۆگەرتكەن چاغدا «Button1» دېگەن سۆزنى ئۆچۈرىۋەتكەن تۇرسام، VB يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇنى Button1 دەيدۇ؟ دەپ ئويلاۋاتقانسىز. بىر كونترونىڭ Name(نامى) خاسلىقى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇھىم خاسلىقلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز كونۇپكىنىڭ Name خاسلىقىنى ئۆگەرتىۋەتسىڭىز، VBمۇ تەڭ كونۇپكىنىڭ نامىنى ئۆگەرتىدۇ.
  1. _Click()
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇنى بىز ھادىسە(ياكى ھەرىكەت) دەپ ئاتايمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، كونۇپكا چېكىلگەندە، Click(چېكىلىش) ھادىسىسى قوزغىلىدۇ، ھەمدە بىز يازغان كودلار ئىجرا قىلىنىدۇ.
  1. End Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

تارماق پىروگرامما بۇ يەردە ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، كودىمىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر سىز بۇلارنى چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىزمۇ كېرەك يوق، كېيىنچە بۇلارنىڭ ھەممىنى ئېنىق چۈشۈنىمىز. ئەمدى كېيىنكى دەرسلىكتە بىز ئۆزىمىزنىڭ كودىنى يازىمىز. قىزىقسىڭىز كېيىنكى قېتىملىق دەرسلىكىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 13:11:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى كودىڭىزنى يېزىڭ

ئالدىنقى دەرسلىكتە، بىز ئازراق كۆزنەك لايىھەلەپ، كود كۆزنىكىنى بىرە قۇر كۆرۈپ چىقتۇق. ئەمدى بىز ئازراق كود يىزىپ باقايلى.
مائۇس بىلەن Private Sub Button1_Click دېگەن قۇر بىلەن End Sub دېگەن قۇرنىڭ ئارلىقىدىكى قۇرۇق قۇرنى چېكىپ، تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز:
  1. Dim number1 As Integer
  2. Dim number2 As Integer
  3. Dim answer As Integer
  4. number1 = 3
  5. number2 = 5
  6. answer = number1 + number2
  7. MessageBox.Show( answer )
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كودنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، كود كۆزنىكىمىز بۇ ھالەتتە بولىدۇ:
code_1.gif
بۇ يەردە نىمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كەتكىنىنى دېيىشتىن بۇرۇن، بىز تۈرنى(Project-项目) ساقلاپ، ئۈستىدىكى تىزىلىكتىن سىناش(Debug-调试) > سىناشنى قوزغىتىشنى(Start Debug-启动调试) ياكى قوزغىتىشنى(Start Without Debugging-启动) چېكىمىز. ۋە ياكى كونۇپكا تاختىسىدىن F5نى چېكىمىز. دېمەك پىروگراممىمىز قوزغالدى. ئەمدى كونۇپكىنى بىر چېكىپ، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز:
form_message_box.gif
پىروگىراممىمىزنى توختىتىپ، لايىھەلەش مۇھىتىغا قايتىمىز. ئەگەر يازغان كودلىرىڭىزنى تاپالمىغان بولسىڭىز، ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك، كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى بەتكۈچنى چەكسىڭىز بولىدۇ:
form_tabs.gif
بەتكۈچ «Form1.vb [Design]»نى چېكىپ كۆزنەكنى، بەتكۈچ «Form1.vb»نى چېكىپ كودىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
ئەمدى، بايا نىمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىغا كىلەيلى. بىز بايا ئىككى ساننى قوشۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئۇچۇر رامكىسىدا كۆرسىتىدىغان پىروگىراممىنى يىزىپ چىقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ تۇنجى ھەقىقىي بىر پىروگراممىمىز بولدى! ئەمدى بىز بۇ كودلارنى چۈشۈنۈپ چىقايلى.
  • ئاۋۋال، بىز Dim سۆزىنى يېزىپ، Visual Basicكە ئۆزىمىزنىڭ بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئېنىقلىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردۇق.
  • ئاندىن، بىز ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا نام(number1) بەردۇق.
  • ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز VBغا ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ سان(As Integer) ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق.
  • بىز يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن number2 ۋە answer دېگەن ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئېنىقلىدۇ.
  • ئۈچ ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئېنىقلانغاندىن كېيىن، بىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلدۇق:
  • بىز يەنە Visual Basicكە بىرىنچى ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىممىتىنىڭ 3، ئىككىنچى ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىممىتىنىڭ 5 ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق. ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا قىممەت بېرىش ئۈچۈن، تەڭلىك بەلگىسىنى(=) ئىشلەتسەك بولىدۇ. لىكىن بۇ تەڭلىك بولماستىن، پەقەت قىممەت بېرىش(يۈكلەش) بەلگىسى. يەنى بىز 3 دېگەن قىممەتنى number1 دېگەن ئۆگەرگۈچى مىقدارغا بەردۇق(يۈكلىدۇ).

  1. number1 = 3
  2. number2 = 5
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

  • ئەمدىكى مەزمۇن بىر ئاز مۇرەككەپ، لىكىن قورقۇپ ياكى ئەنسىرەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە مۇرەككەپ ئەمەس. ئەمدى بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز، ئىككى ساننى قوشۇش. شۇڭا بىز تۆۋەندىكىدەك يازدۇق:

  1. number1 + number2
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

  • Visual Basic قانداق قوشۇشنى بىلىدۇ. ئەمدى بىزنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇشنى «ئېيتىساق» بولىدۇ. بىز ئۈستىدە ئەنئەنىۋى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل قوشۇش بەلگىسى(+) ئارقىلىق ئېيتتۇق. ئەمدى Visual Basicنىڭ قىلىدىغىنى number1 ۋە number2دە قايسى قىممەتنىڭ ساقلانغىنىغا قاراش. ئاندىن 3، 5 ۋە قوشۇش بەلگىسىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىككى ساننى قوشۇش.
  • بۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلدۇق. يەنى Visual Basicكە «ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار number1 ۋە number2نى قوشۇپ بولۇپ، نەتىجىسىنى باشقا ئۆزگەرگۈچى مىقدار answer(جاۋاب)غا بەر» دېدۇق. شۇڭا بۇ قۇر كودنى تۆەندىكىدەك يازدۇق:

  1. answer = number1 + number2
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

مەنىسى: ئۆزگەرگۈچى مىقدار number1دىكى قىممەت بىلەن ئۆزگەرگۈچى مىقدار number2دىكى قىممەتنى قوشۇپ، ئۆزگەرگۈچى مىقدار answerغا بېرىش.
كودنى تەڭلىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدۇ دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا قوشۇپ چىققان نەتىجىنى ئاخىرىدا تەڭلىكنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بېرىدۇ.
پىروگىراممىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە Visual Basicنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇچۇر رامكىسىنى ئىشلەتتۇق. ئۇچۇر رامكىسى بىلەن كېيىنچە تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقىمىز. ھازىرچە، بۇنىڭ بىلەن نەتىجە قىممەتلەرنى چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۇچۇر رامكىسى بىر قىسىم كودلارنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىپ كۆرۈشتە بىر قەدەر ئەپلىك. بىراق بىز كۆزنىكىمىزگە باشتىنلا بىر تېكىست رامكىسىنى ئەكىرىۋالغان ئىدۇق. ئەمدى بىز ئۇنى ئىشلىتىپ باقايلى.
شۇڭا ئاۋۋال بۇ قۇرنى ئۆچۈرىۋېتىمىز: MessageBox.Show( answer ). ئاندىن ئورنىغا TextBox1نى كىرگۈزۈپ، چىككىتتىن بىر قويساق ئاسما تىزىملىك پەيدا بولىدۇ. بۇ تېكىست رامكىسىنىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان خاسلىق(Properties-属性) ۋە ئۇسۇل(Methods-方法) تىزىملىكى.
text_dropdown.gif
سىيرىلما تاياقچىنى «Text» دېگەن سۆزنى كۆرگۈچە چۈشۈرۈپ، Text خاسلىقىنى قوش چەكسەك ئاسما تىزىملىك يوقايدۇ(بۇ ئاسما تىزىملىك ئاڭلىق سەزگۈچ<IntelliSense-智能感知> دېيىلىدۇ. بۇ بەك قۇلايلىق بولۇپ، تىزىملىكتىن خاسلىق ۋە ئۇسۇلنى تاللاپ كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ھەتتە بىرە مەزمۇننى قولدا كىرگۈزۈشمۇ ھاجەتسىز. لىكىن شەرەر تورى ھەممە كودنى قولدا بىرمۇ-بىر يېزىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ).
بىز تاللىغان بۇ Text خاسلىقى ئىلگىرى بىز خاسلىق رامكىسىدا تەڭشىگەن Text خاسلىقى بىلەن ئوخشاش. بىز بۇ يەردە كود بىلەن خاسلىقنى تەڭشەيمىز. ئىلگىرى لايىھەلەۋاتقاندا تەڭشىگەن. ئەمما نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ، تېكىست رامكىسىنىڭ Text خاسلىقى بىز بەرگەن قىممەت بىلەن تەڭشىلىدۇ.
قىممەت بېرىش ئۈچۈن، تەڭلىك بەلگىسى قويۇپ، ئاندىن Text خاسلىقىغا بېرىدىغان قىممەتنى كىرگۈزىمىز. بىز ئۆزگەرگۈچى مىقدار answerنىڭ قىممىتىنى تېكىست رامكىسىدا چىقارماقچى. شۇڭا كېيىنكى كود تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
  1. Textbox1.Text = answer
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

سىزنىڭمۇ كودىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولدىمۇ:
code_2.gif
ئەمدى كودىمىزنى قايتا ئىجرا قىلىپ، كۆزنەكتىكى كونۇپكىنى باسىمىز. بۇ چاغدا تېكىست رامكىسىدا 8 دېگەن سان كۆرۈنىدۇ.

مەشىق
ئەمدى مەشىق ئىشلەيدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولدى. بۇ مەشىق ئارقىلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشۈنىۋالالايسىز. ھەمدە پىروگراممىنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى سۆزلەش ئەمەس بەلكى يىزىش. شۇڭا تۆۋەندىكى مەشىقلەرنى كۆرۈپ باقايلى!
مەشىق1:
سان 3 بىلەن 5نى ئۆچۈرىۋىتىپ، ئۆزىڭىز خالىغان ساننى ئورنىغا يېزىڭ.
مەشىق2:
number1 ۋە number2 ئارىسىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى ئۆچۈرىۋىتىپ، ئورنىغا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى يىزىپ بېقىڭ:
– (ئېلىش بەلگىسى)
* (كۆپەيتىش بەلگىسى. VBدا يۇلتۇز بەلگىسى كۆپەيتىش بەلگىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ)
/ (بۆلۈش بەلگىسى. VBدا يانتۇ سىزىق بۆلۈش بەلگىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ)
مەشىقA
باشقا Integer(پۈتۈن سان) تىپلىق بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئېنىقلاپ، ئۇنىڭغا number3 دەپ نام بېرىڭ. ھەمدە بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا قىممەت 10نى بېرىڭ ۋە ئاخىرىدا چىققان نەتىجە بار ئۆزگەرگۈچى مىقدار answerغا بۇ يېڭى ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى كۆپەيتىپ، نەتىجىسىنى تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىڭ.
(ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا قىممەت بېرىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئېنىقلىغان چاغدا قىممەت بېرىش. تۆۋەندىكىدەك:
  1. Dim number3 As Integer = 10
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇنىڭ بىلەن ئاستىدىكى كودنىڭ
  1. Dim number3 As Integer
  2. number3 = 10
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئوخشاش بىر قىممەت بىرىش رولى بار، لىكىن قايسىسىنى ئىشلىتىش بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا باغلىق.)
كېيىنكى قېتىملىق دەرسلىكتە، بىز يەنە بىر خىل ئۆزگەرگۈچى مىقدار-String(ھەرپ تىزمىسى)نى كۆرىمىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-23 13:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
String تىپلىق ئۆگەرگۈچى مىقدار

بىز «ئۆزگەرگۈچى مىقدار دېگەن نىمە؟ ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى قانداق ئېنىقلايمىز؟» دېگەن مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «Integer» دېگەن بۇ سۆز ھەققىدىمۇ توختىلىپ، Integer تىپلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ پۈتۈن سان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۇق. ئەمدى بىزگە لازىمى سان بولمىسىچۇ؟ دېتالىمىز ئىشلەتكۈچىلەردىن ئىسىم-فامىلىسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا، ئىسىم سان ئەمەس، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ۋاقىتتا بىز Stringنى بىلىشىمىز كېرەك.
ئۇنداقتا String دېگەن نىمە؟ ئەمەلىيەتتە String خەتتىن(تېكىست) باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر بىز Visual Basicنىڭ تېكىست مەزمۇننى ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلساق، ئۇنداقتا «String» دېگەن بۇ خەتتىن پايدىلانساق بولىدۇ. ئۆزگەرگۈچى مىقداردىن بىرنى ئېنىقلاپ، تېكىست مەزمۇن ساقلاش ئۈچۈن As Stringنى ئىشلىتىمىز، ھەرگىزمۇ As Integerنى ئىشلەتمەيمىز. مەسىلەن، ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئېنىقلاپ، ئىسىم-فامىلە ئۇچۇرىنى ساقلىماقچى بولساق، ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلايمىز:
  1. Dim FirstName As String
  2. Dim LastName As String
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بىز يەنە Dim سۆزىدىن باشلاپ، بىرىنچى ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا FirstName(ئىسىم) دەپ نام بەردۇق. ئاخىرىدا Visual Basicكە تېكىست مەزمۇن ساقلايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، As String سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىغۇ ئېنىقلىدۇق، بىراق ئۇلاردا ھىچقانداق مەزمۇن ساقلىمىدۇق. بىز ئۆزگەرگۈچى مىقداردا بىرە مەزمۇن ساقلاش ئۈچۈن تەڭ(=) بەلگىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئۆتكەن، ئەمدى بۇ ئۆگەرگۈچى مىقدارلارغىمۇ ئىسىم-فامىلىنى ساقلاپ باقايلى:
  1. FirstName = "Bill"
  2. LastName = "Gates"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ يەردە بىز Visual Basicكە «’Bill’ سۆزىنى FirstName(ئىسىم) دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا، ‘Gates’ سۆزىنى LastName(فامىلە) دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ساقلا» دېدۇق. بىراق بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئالدى كەينىدىكى قوش پەشكە دىققەت قىلىڭ. بىز Bill دېمەي، ”Bill“ دېدۇق. چۈنكى Visual Basic مۇشۇ ئىككى قوش پەش بولغاندىلا تېكىست مەزمۇنىمىزنى يەنى String(ھەرپ تىزمىسى)نى پەرق ئىتەلەيدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئۆزگەرگۈچى مىقداردا تېكىست مەزمۇن ساقلاش ئۈچۈن، قوش پەشنى(”“) ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ!
يۇقارقى مەزمۇنلارنى سىناش ئۈچۈن، كۆزنەككە يېڭىدىن كونۇپكا ئەكىرىپ، ئۇنىڭ Text خاسلىقىنى «String Test»(ھەرپ تىزمىسىنى سىناش) دەپ ئۆگەرتىڭ. بۇ چاغدا كۆزنىكىمىز بۇ ھالەتتە بولىدۇ:
form_string_button.gif
يېڭى ئەكىرگەن كونۇپكىنى قوش چېكىپ، تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز:
  1. Dim FirstName As String
  2. Dim LastName As String
  3. Dim FullName As String
  4. FirstName = "Bill"
  5. LastName = "Gates"
  6. FullName = FirstName & LastName
  7. Textbox1.Text = FullName
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كود كۆزنىكىمىز ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ(كودتىكى ئۇزۇن قۇرلارنى ئاستى سىزىق<_> بەلگىسى ئارقىلىق، كۆپ قۇرغا پارچىلاشقا بولىدۇ):
code_strings.gif
بۇ كودلارنىڭ ئىچىدىكى بۇ قۇرنى چۈشەندۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ:
  1. FullName = FirstName & LastName
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۈستىدىكى ئىككى قۇر كودتا، بىز «Bill» ۋە «Gates» دېگەن ئىككى ھەرپ تىزمىسىنى(ھەرپ-بەلگىلەر ياكى خەت دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ) ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقداردا ساقلىدۇق. ئەمدى بىز بۇ ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ئۆزئارا ئۇلىماقچى. بۇنى ئۇلاش(&) بەلگىسى(ھەمدە بەلگىسىمۇ دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئۇلاش بەلگىسى ھەرپ تىزمىللىرىنى(String) ئۇلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
Visual Basic بۇ ئىككى String تپلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئۇلاپ(ياكى باغلاپ) بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە ئۇنىڭغا «نەتىجىسىنى FullName(ئىسىم-فامىلىسى، تولۇق ئاتىلىشى) دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ساقلا» دېدۇق. ئاخىرىدا يەنە VBغا نەتىجىنى TextBoxتا چىقىرىشنى ئېيتتۇق.
كودنى يىزىپ بولغاندىن كېيىن، پىروگراممىمىزنى قوزغىتىپ سىنىساق بولىدۇ. دېتال قوزغىلىپ، كونۇپكىنى باسقاندا تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز:
form_string_textbox.gif
تېكىست رامكىسىدا بىز ئۆزگەرگۈچى مىقداردا ساقلىۋالغان «Bill» ۋە «Gates» دېگەن خەتلەر كۆرۈنىدۇ. بىز ئۇلاش(&) بەلگىسى ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇلاپ كۆرسەتتۇق. بىراق بۇ سۆزلەر ئۇلىنىپ بىر سۆزگە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى بىز يەنە ئۇلاش بەلگىسى ئىشلىتىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئارلىقىغا ئازراق بوشلۇق بىرەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن FullName = FirstName & LastName دېگەن قۇرنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىمىز:
  1. FullName = FirstName & " " & LastName
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ قۇرنىڭ مەنىسى: FirstName دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بىر بوشلۇقنى ئۇلايمەن. ئارقىدىن ئۇنىڭغا يەنە LastName دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئۇلايمەن. ئاخىرىدا، ھەممىنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىنكى نەتىجىنى FullName دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقداردا ساقلايمەن.
دىققەت FirstName ۋە LastName دېگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى قوش پەش ئىچىگە ئېلىپ يازمايمىز. چۈنكى، بۇ باشتىلا بىز «Bill»نى FirstNameغا، «Gates»نى LastNameغا ساقلاپ، ئۇلارنى Stringغا ئايلاندۇرۇپ بولغان. شۇڭا VB ئۇلارنىڭ تېكىست ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولىدۇ.
مەشىق
ئاستىدىكى كودنىڭ ئىچىدىكى بىرتال ئۇلاش(&) بەلگىسىنى ئۆچۈرىۋىتىڭ:
  1. FullName = FirstName & " " & LastName
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

مائۇس ئىستىرىلكىسىنى بىر ئىككى قۇر تۆۋەنگە يۆتكىسىڭىز، كودىڭىزنىڭ بىر بۆلەك قىسمىنىڭ كۆك ياكى قىزىل رەڭلىك ئاستى سىزىقتا سىزىلىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز:
wigglyLine.jpg
VB بىزگە بۇ قۇر كودتا خاتالىق بارلىقىنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ. ئەگەر مائۇسنى كۆك ياكى قىزىل رەڭلىك سىزىقنىڭ ئۈسىتىگە ئاپارساق، VB بىزگە ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ:
wigglyLine2.jpg
VB تەمىنلىگەن چۈشەندۈرۈشلەر بەزىدە بەك چۈشۈنۈشلۈك بولۇپ كەتمەيدۇ. بىراق بىز بۇ يەردە مەسىلە بارلىقىنى بىلىۋالساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا كودنى ئىجرا قىلساق، تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش رامكىسى چىقىدۇ:
build_errors.gif
«ياق» كونۇپكىسىنى چېكىپ، ئۇلاش بەلگىسىنى تولۇقلاپ قويساق، ھەممە نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
مەشىقB
كودىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، كونۇپكا بېسىلغاندا تېكىست رامكىسىدا Gates Bill دەپ كۆرىنىدىغان قىلىڭ.
مەشىقC
كودىڭىزغا يېڭىدىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار قوشۇپ، بۇنىڭدا ئەركىلەتمە ئىسىمنى ساقلاڭ. ئاخىرىدا كونۇپكا چېكىلگەندە تېكىست رامكىسىدا ئىسىم، ئەركىلەتمە ئىسىم ۋە فامىلە رەت تەرتىۋى بىلەن چىقىسۇن.
بىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار:
ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامىدا بوشلۇق بولسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا MiddleName دەپ نام قويسىڭىز، خاتالىق چىقمايدۇ. ئەمما Middle Name دەپ نام قويسىڭىز، خاتالىقنى ئەسكەرتىدۇ.
تېكىست مەزمۇننى يېڭى ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بەرگەندە، ئىككى قوش پەشنى ئۇنۇتماڭ.
كودىڭىزدىكى FullName = دېگەن قۇرغا يىتەرلىك ئۇلاش بەلگىسى قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
كېيىنكى قېتىملىق دەرسلىكتە، تېكىست رامكىسىدىكى مەزمۇننى ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا قانداق ئېلىش توغرىسىدا سۆزلەيمىز. قىززىقسىڭىز سالونىمىز ۋە تور بېكتىمىزگە دىققەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2020-5-25 15:37 , Processed in 0.175084 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش