بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 206 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • .....ES..... 2020-2-20 22:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    دويىندا ئۇيۇن جىبو قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان دوسلار ماۋۇ ئادرىسقا كىرىپ

  • altaxna 2020-2-18 01:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەرنى راۋرۇس بىر قىزىتاي دەپ كەلسەم كونىلار ھەممىسى يۇقاپ كىتىپتۇي...

  • TARQAT 2020-2-6 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    admin كا تىمامنى تەستىقلاپ قويسىڭىز

  • terxkuqi 2020-2-3 21:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەر توردىن بىلىم ئالغاچ ئادمىن ئەپەندىگە رەھمەت تىمىسى يىزۋاتمەن

  • .....ES..... 2020-1-30 23:16 [ئىنكاس(2)] [...]

    دويىندا جىبو قىلىش توغۇرلۇق يازما يوللاپ قويساڭلا بوپتىكەن

  • Kinohumar 2020-1-28 15:48 [ئىنكاس(2)] [...]

    ھەقىقىي سالاھىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى تەستىقسىز چىقسا بولاتتى  

  • admin 2020-1-13 18:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭىدىن يېزىۋاتقان كىنو ئەپچاق ئېلان قىلىنىش ئالدىدا.  

كۆرۈش: 2761|ئىنكاس: 5

[دەرسلىك] يانفۇن ئېكرانىدىكى سىزىقلىق پارولنى ئۇنتىغاندا قانداق قىلىمىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
سىزىقلىق پارول بولسا Google شىركىتىنىڭ Andriod سېستىمىسى ۋە apple شىركىتىنىڭ iOS سېستىمىسىدا ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئېكران قۇلپىسى پارولى بولۇپ، تورداشلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندىن سىرىت يەنە بىر قىسىم ئاۋارچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
未标题-2.jpg

مەن تۆۋەندە تورداشلىرىمىز يۇلۇققان مۇشۇ ئاۋارچىلىق يەنى ئېكران سىزىقلىق پارولنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندا قانداق ھەل قىلىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، دىققىتىڭىز تېمىدا بولسۇن.

1. يانفۇننى قايتا قوزغىتىش ئۇسۇلى
                تېلفۇن ئېچىش كۇنۇپكىسى بېسىپ تېلفۇننى قايتا قوزغىتىڭ ياكى بىۋاستە باتارىيىنى چىقىرىپ قايتا سېلىپ قوزغىتىڭ. يانفۇن ئېكران قۇلۇپلاش قورالىمۇ بىر ئەپ بولۇپ، تېلفۇن ئېچىلىپ مۇشۇ ئەپ ئىجرا بولغاندىن كىيىن ئېكرانغا سىغىقلىق پارول كۆرۈنىدۇ، شۇڭا تېلفۇننى قايتا قوزغىتىپ تىز سۈرەتتە سىزىقلىق پارول قورالىنى يانفۇندىن ئۆچۈرۋېتىمىز ياكى باستۇرۇپ قاچىلىۋېتىمىز. بۇ ئۇسۇل كۆپلىگەن يانفۇنلارغا ئىشلەيدۇ.
QQ截图20140909022017.png


2. قۇراللاردىن پايدىلىنىش
        كوپمىيۇتېرىڭىزغا « 刷机精灵 » قورالىنى چۈشۈرۈڭ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.shuame.com
QQ截图20140909022216.png

        بۇ ئۇسۇلدا يانفۇننىڭ « USB调试 » ئىقتىدارى چوقۇم ئېچىلغان بولىشى كىرەك.
        Andriod2.1 ~ 2.3.7 غىچە بولغان يانفۇنلارغا: يانفۇننىڭ تەڭشەك(设置) رايۇنىغا كىرىپ، « 应用程序 » غا كىرىپ، « USB调试 » غا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
        Andriod4.0  ~  4.1.2  غىچە بولغان يانفۇنلارغا: يانفۇننىڭ تەڭشەك(设置) رايۇنىغا كىرىپ، « 开发人员选项 » غا كىرىپ، « USB调试 » غا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
        Andriod4.2 يانفۇنلارغا: يانفۇننىڭ تەڭشەك(设置) رايۇنىغا كىرىپ، « 关于手机 » غا كىرىپ، نەشىر نومىرىنى 7 قېتىم بېسىڭ، ئاندىن تەڭشەك(设置) رايۇنىغا چىكىنىپ، « 开发者者选项 » دىن « USB调试 » غا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
QQ截图20140909023225.png

        ئەمدى تېلفۇننى كومپىيۇتېرغا چاتىمىز، چاتقاندىن كىيىن كومپىيۇتېردىن « 刷机精灵 » نى قوزغىتىمىز، قوزغاتقاندىن كىيىن « 刷机精灵 » ئاپتۇماتىك تېلفۇننى تۇنۇيدۇ، تۇنۇپ بولغاندىن كىيىن « 实用工具 » نى ئېچىپ « 清除锁屏密码 » دىگەننى چەكسىڭىز ئېكران سىغىقلىق پارولنى يىشىشنى باشلايدۇ.
QQ截图20140910102359.png

        ئەمدى بىر مەسلە، ئەگەر تېلفۇنىڭىزنىڭ root ھوقوقىنى ئېلىپ بولغان بولسىڭىز، بىۋاستە سىزىقلىق پارولىنى يىشىدۇ، ئەگەر تېخى root ھوقوققا ئېرىشمىگەن بولسىڭىز « 刷机精灵 » ئاپتۇماتىك root ھوقوق ئېلېشنى باشلايدۇ، شۇڭا « 刷机精灵 » كورسەتكەن يول بويىچە ماڭسىڭىزلا بولىدۇ.

3. ئۇچۇر يۇيۇش ئۇسۇلى
        ئاۋال تېلفۇننى تاقاپ تۇرۇپ، ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن تېلفۇننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى تەڭلا بېسىپ تۇرىمىز، تەخمىنەن 10 سېكونت ئۆتكەندىن كىيىن تېلفۇن recovery ھالىتىگە كىرىدۇ. ئاندىن « wipe data/factory reset » نى تاللاپ جەزىملەيمىز. شۇنىڭ بىلەن تېلفۇن ئىچىدىكى ئۇچۇرلار پاكىز يۇيۇلۇپ تېلفۇن زاۋۇت ئەسلىگە قايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پارول يوق بولىدۇ دىگەن گەپ.
QQ截图20140910103320.png


4. باشقا ئۇسۇللار
        ئەگەر سىزنىڭ تېلفۇنىڭىز sony ماركىلىق تېلفۇن بولسا ئىش تېخىمۇ ئاسان، ئاۋال كومپىيۇتېرغا Sony PC Companion نى قاچىلاپ، ئاندىن تېلفۇننى ئۇلاپلا « Support zone » نى چەكسىڭىز تېلفۇن قۇلپىسى ئېچىلىپ كېتىدۇ دىگەن گەپ.
QQ截图20140910103727.png

        ئەگەر تېلفۇنىڭىز دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم تېلفۇنلىرى بولۇپ قالسا، تېلفۇن ئېكرانىغا سىزىقلىق پارول كىرىپ قالغاندا Google ئىلخەت ھېساباتىڭىز ئارقىلىقمۇ پارولنى بىكار قىلالايسىز، بۇنىڭدا چوقۇم تېلفۇنغا بۇرۇن Google ئىلخەت ھېساباتىڭىز باغلانغان بولىشى كىرەك.

ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان تۆت خىل ئۇسۇللار يوقىرىدا تەپسىلى سۆزلەندى، يانا باشقا مەسسىلەرگە يۇلۇققان تورداشلىرىمىز مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-9-10 20:55:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 3-ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بېقىپتىكەنمەن . بۇ ئۇسۇل ئاسان ھەم باشقا قورال كەتمەيدۇ .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-11 09:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gamma يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 20:55
مەن 3-ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بېقىپتىكەنمەن . بۇ ئۇسۇل ئاسان ھ ...

بۇ ئۇسۇل بولىدۇ، باشقا ئۇسۇللار ئىشلىمىگەندە ئىشلەتسەك بولىدۇ بۇ ئۇسۇلنى، ئىچىدىكى ماتىرياللارنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-12-29 22:50:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bak yahxi yemikam
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2020-2-18 15:47:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oppo A5 تېلىفۇننىمۇ شۇ ئۇسۇلدا ئېكران مەخپى نۇمۇرنى ئاچقىلى بۇلامدۇ ؟  
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2020-2-20 11:35:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىر. يوللىغان ۋاقتى  2020-2-18 15:47
oppo A5 تېلىفۇننىمۇ شۇ ئۇسۇلدا ئېكران مەخپى نۇمۇرنى ئاچقى ...

ھازىر ئۇ ئۇسۇل ئىشلىمەيدۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2020-2-28 22:47 , Processed in 0.152831 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش