بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ
x
يېڭى ئېرا ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال لۇغىتى 1.0 سىناق نەشىرى بۇ سىغىمى ناھايىتى كىچىك بولغان يېشىل نۇسخىدىكى ئۇنۋېرسال لۇغەت بولۇپ،ئىقتىدارلىرى قىستۇرما شەكلىدە تولۇقلىنىدۇ.
لۇغەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە؛
ئىقتىدار تۇنۇشتۇرلىشى؛
1)لۇغەت تاللاش؛بۇ كۆپ يۆلىنىش قوللايدىغان ئۇنىۋېرسال لۇغەت بولۇپ سىز "لۇغەت تاللاش" كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بۇنداق بىر تېزىملىك چىقىدۇ،بىرىنچى تېزىملىك"قوشۇش" تىن سىز يېڭى لوغەت قوشالايسىز(بىز تەمىنلىگەن سۆزلۈك ئامبىرىنى)ياكى سۆزلۈك ئامبىرىنى D:\Program Files\EraDict\Data مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، لۇغەت ئىسىمىدىن ماس ھالدىكى لۇغەت يۆلىنىشنى تاللايسىز،يۇقارقىسى 5 يۆلىنىشتىكى سۆز ئامبىرى قوشۇلغاندىكى ھالەت.
2)ئىزدەش رامكىسى؛ئۆزىڭىز ئىزدىمەكچى بولغان يۆلىنىشنى تاللىغاندىن كېيىن،بۇ رامكىغا ئىزدىماكچى بولغان سۆز كىرگۈزسڭىز ياكى چاپلىسىڭىز نەتىجىسىنى تېز سۈرئەتتتە تېپىپ كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ،كىرگۈگۈچنى قىستۇرما شەكلىدە تەمىنلىنىدىغان بولۇپ كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ھاجەتسىز.بۇ رامكىدا مائۇسنىىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز مۇشۇندا تېزىملىك كۆرۈنىدۇ.
"چاپلاش" نى بېسىش ياكى بىۋاستە ctrl+v نى بېسىش ئارقىلىڭ،چاپلاش تاختىسىدىكى مەزمۇننى ئىزدەش رامكىسىغا چاپلىيالايسىز.
"كۆچۈرۈش"نى بېسىش ياكى بىۋاستە ctrl+c نى بېسىش ئارقىلىق ئىزدەش رامكىسىدىكى مەزمۇننى كۆچۈرۈۋالالايسىز.
"خەنزۇچە كىرگۈزۈش"؛بۇ ئىقتىدار تۇنۇمايدىغان خەنزۇچە خەتلەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن بولۇپ،"پىنيىنلىق كىرگۈزۈش" ۋە "مائۇس قەلەملىك كىرگۈزۈش"تىن ئىبارەت ئىككى خىل كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن،بۇ كونۇپكىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك "خەنزۇچە كىرگۈزۈش كۆزنىكى" 
كۆرۈنىدۇ(مائۇسلۇق كىرگۈزۈش قىستۇرما شەكلىدە تەمىنلىنىدۇ،ئەگەر قىستۇرمىسنى قاچىلىمىسڭىز بۇ ئىقتىدار كۆرۈنمەيدۇ).
3)ئىزدەش خاتېرىسى؛ئەگەر سىز تاللىغان يۆلىنىشتىكى لۇغەتتە ئىزدىگەن سۆز بولسا،بۇ كۇنۇپكا كۆرۈنىدۇ،بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز سىز نۆۋەتتىكى لۇغەت يۆلىنىشسدىن ئىزدىگەن سۆزلەرنىڭ خاتېرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،شۇنىڭددىن تاللاپ بۇرۇن ئىزدىگەن سۆزىڭىزنىڭ قايتا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
4)ئىزدەش نەتىجىسى؛بۇ سىيرىلما رامكىدا سىز كىرگۈزگەن سۆزگە ماس كېلىدىغان سۆزلەر تەرتىپى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.سىز مائۇس بىلەن تاللاش ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى يۆلىنىش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق سۆز تاللاپ،ماس ھالدىكى تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
5)تەڭشەك؛بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تېزىملىك چىقىدۇ
"ئاساسىي تەڭشەك"؛بۇ سىناق نۇسخىسى بولغاچقا "ئاساسىي تەڭشەك" تە كۆپ ئىقتىدار تەمىنلەنمىدى،پەقەت ناماز ۋاقتىنى تەڭشەش ۋە لۇغەت كۆرۈنمە يۈز تىلىنى تاللاش( سىناق نۇسخىسى بولغاچقا بۇ ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىپ تۇردۇق) تەمىنلەندى،تورداشلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن تولۇقلاپ ئۆزگەرتمەكچى.
"ئىشلەتكۈچى ئامبىرى"؛سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىڭىز لۇغەتكە سۆز قوشالايسىز(ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 سۆز،ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا خالىسڭىز بىزگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بىز لۇغەتكە ئامبىرىغا ئىندېكسلاپ قوشۇپ بېرىمىز) ۋە تەھرىرلىيەلەيسىز.
"كۆرۈنىشى"؛ سىز بى ئىقتىدارى ئارقىلىق لۇغەت كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتەلەيسىز،ھازىر ئىككى خىل ئۇسلۇب تەمىنلەندى.
6)قوراللار؛ بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تېزىملىك چىقىدۇ
"سۆزلۈك يادلاش"؛ سىز بۇ تېزىملىكنى تاللاپ قويسىڭىز،لۇغەتنى ئەڭ كىچىك (最小化)ھالەتكە ئەكەلسىڭىز ئېكرانىڭ ئۈستى قسىمىدا ئاقما شەكىللىك بىر كىچىك سۆز يادلاش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، بۇ كۆزنەكنىڭ خەت يوق ئورنىنى قوش چەكسىڭىز لۇغەت نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.
"يول ئىزدەش"؛ بۇ ئىقتىدار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش لىنىيىسىنى ئىزدەش بولۇپ، مەلۇم بېكەتتە توختايدىغان ماشىنىلارنى،مەلۇم يول ماشىنا توختايدىغان بېكەتلەرنى(بۇ ئىككى ئىقتىدارنى تورداش ئىلياس تەمىنلىگەن)،بىر بېكەتتتىن يەنە بىر بېكەتكە بارىدىغان لىنىيەنى ئىزدەش ئىقتىدارى بار.
تەھرىرلىگۈچ؛ بۇ تەھرىرلىگۈچ ئەمىيەتتە بىر كۆپ ئىقتىدارلىق خاتېرە دەپتەر بولۇپ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىچە ؛ 
بولۇپ ئاساسلىقى ئىملا توغۇرلاش(ئىملا ئامبىرىغىمۇ YIndex ئىزدەش تېىخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ،بىز تەمىنلىگەن ئىملا ئامبىرى بولسىلا نورمال ئىشلەيدۇ)،كود ئايلاندۇرۇش،جۈملە تەرجىمە قىلىش(يېرىم ئاپتوماتېك) قاتارلىق ئىقتىدار تەمىنلەنگەن(كېيىنكى نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە جۈملە ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلىدى).
خاتېرە دەپتەر ۋە ھېسابلىغۇچ بولسا سىستېمىنىڭكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ.
7)ئۇلىنىشلار؛بۇ كۇنۇپكىغا ھەرخىل پايدىلىق تور بەت ئادرېسى قوشۇلغان بولۇپ ھازىرچە ئىككىلا تور بەت ئادېرىسى قوشۇلدى،كېيىن تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،مۇۋاپپىق بولسا بېكەت ئادرېسى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
8)ياردەم؛بۇ سىناق نۇسخىسى بولغاچقا ياردەم ھۆججىتى تەمىنلەنمىدى.
9)لۇغەت ئۇچۇرى؛بۇ رايۇندا سىز ئىزدىگەن سۆزنىڭ نەتىجىسى تېپىلغان لۇغەت ئامبىرىنىڭ ئۇچۇرى كۆرسىتىلىىدۇ.
10)تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ،يەنە نەتىجىنى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەندى،سىز نەتىجىنىڭ بىر قىسىمىنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەكسىڭىز "كۆچۈرۈش" ۋە "ئاتلاپ ئىزدەش" تېزىملىكى كۆرۈنىدۇ،"كۆچۈرۈش" نى بېسىپ تاللىغان سۆزنى كۆچۈرۈۋالالايسىز(ctrl+c نى بېسىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ)،
11) "ئاتلاپ ئىزدەش" نى بېسىپ تاللىغان سۆزنى خالىغان يۆلىنىشتىكى ئامباردىن ئىزدىيەلەيسىز(كۆپ خىل يۆلىنىشلىك ھالىتىدە).
قۇشۇمچىلار؛
لۇغەتنى ئەڭ كىچىك ھالەتكە ئەكەلسىڭىز،تىل تاللاش رايونى يېنىدا(ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقىڭ بۇرجىكىدە)لۇغەت ئايكونى كۆرۈنىدۇ،ئايكوننى مائۇسنىڭ سول تەرىپى بىلەن چەكسىڭىز،لۇغەت نورمال ھالەتكە قايتىدۇ،مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تېزىملىك كۆرۈنىدۇ(ئەگەر ئېكراندىن سۆز تۇتۇش قىستۇرمىسى قاچىلانمىسا"ئېكراندىن سۆز تۇتۇش" دېگەن تېزىملىك كۆرۈنمەيدۇ)،ئەگەر سىز ئېكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز "ئېكراندىن سۆز تۇتۇش" قا بەلگە سېلىپ قويسىڭىز،لۇغەتنى ئەڭ كىچىك ھالەتتە بولسا،مائۇس بار ئورۇندىكى سۆزنى تۇتۇپ،نۆۋەتتە تاللاقلىق يۆلىنىشتىكى ئامباردىن تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ .رەسىمدىكىدەك؛
ئەگەر IP كۆرسىتىش قىستۇرمىسىنى قاچىلىسىڭىز لۇغەتكە مەلۇم IP ئادرېسنى كىرگۈزسىڭىز بۇ IP نىڭ قايسى رايونننىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
چۈشەنچە؛
"ئېكراندىن سۆز تۇتۇش " ئىقتىدارىدا ئازراق خاتالىق بايقالغاچقا ۋاقتىنچە تارقىتىلماي،خاتالىق تۈزۈتىلىپ،قايتا سىناپ ئاندىن تارقىتىشنى زۈرۈر تاپتۇق.
لۇغەتنىڭ توردىن ئاپتۇماتېك نەشىر تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپ،ئەگەر كومپىيوتېرىڭىز تورغا ئۇلانغان بولسا يېڭى نەشىرىنى بايقىسا سىزگە يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ.
ھەم كېيىنكى نۇسخىسى تارقىتىلىشتىن بۇرۇن لاھىيلەنگەن كۆزنەك لاھىيىسى توردا ئاشكارلىنىپ،ئاشكارە تاللاپ ئاندىن تاللانغان كۆزنەك لاھىيىسى ئىشلىتىلىشۇ مۇمكىن.
بۇ لۇغەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا ئىزدەش سۈرئىتى تېز،ئىشلىتىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ كىچىك،سۆزلۈك ئامبىرى بىخەتەر،يۇنىكود ئاساس قىلىنىپ تۈزۈلگەچكە ھەرقانداق تىلغا ماس كېلىدۇ.
بۇ قېتىمقى نۇسخىسىدا پەقەت ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە يۆلىنىشلىك سۆزلۈكلا تەمىنلەنگەن بولۇپ،باشقا يۆلىنىشتىكى سۆزلۈك ۋە قىستۇرمىلار داۋاملىق تور بېكىتىمىزدە تارقىتىلىدۇ.
سىناق نۇسخىسى ھەم تۇنجى نۇسخىسى بولغاچقا نۇرغۇن كەمچىلىكلەر ۋە خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن شۇڭا تېخى ياردەم ھۆججىتى تەييارلانمىدى.تورداشلارنىڭ سىناپ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئىشلەش مۇھىتى؛ بارلىق Windows مەشغۇلات سىستېمىسى(XP ئاساس)دېتال كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىدا قوللىنىشنى ئاساس قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،MAC,LINUX,WM سېستىمىسىغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
نەشىرى: | Ver1.0 | پىرىتىن يەشكەندىكى سىغىمى: | 2.34MB | چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ | چۈشۈرۈش
|
بۇرۇنقى نۇسىخىسىدا خاتالىق بايقىلىپ ،كېين يوللانغان نۇسخىسى چالا يوللىنىپ قالغاچقا 2011–5–16–كۈنى تولۇق نۇسخىسى قايتا يوللاندى،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمۈد قىلىمىز
ھەرقايسى بېكەت باشلىقلىرى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ مۇۋاپپىق كۆرسە، ئەسلى مەنبە ئۇلانمىسىنى(خاتالىق بولسا ۋاقتىدا تۈزۈتىپ قايتا بوشلۇققا يوللاش ئۈچۈن) ۋە يۇقارقى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ساقلىغان ئاساستا ئۆزىنڭ تور بېكىتىدە تارقاتسا بولىدۇ.
(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)
2011–5–16–كۈنى(دۈشەنبە.ئۈرۈمچى)
مەزكۇر دىتالنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ خەۋەردار بولىشى ئۈچۈن مەزكۇر تېما بىلىملەرگە يوللاندى، ئەسلى مەنبە: http://www.newera.cc/show.asp?id=243
|