بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 290 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • qatak007 2021-12-29 15:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئاكونتىم تەستىقسىز ئەزا دەپ ھېچنېمە قىلالماپتىم

  • sburkut 2021-12-19 16:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    EMLOG proنىڭ يىڭى نەشىرى يامانكەن،ئېمىلوگ ئىشلەتكەنلە مۇشۇنىڭغا كۆچسە بولغۇد...

  • altaxna 2021-11-14 12:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىراق 加密دىتال بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار

  • altaxna 2021-11-5 19:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەردە ئىنكاسىمنىڭ تەستىقلىنىشىنى ساقلاپ بولالمىدىم

  • kapsizjan 2021-10-19 23:15 [ئىنكاس(1)] [...]

    دوسلار قايسىڭلا سالۇن ئۈچ توپ سىستىمىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇقىسىلە ياساغلىق

  • NuerCode 2021-10-7 19:45 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىلىملەرنىڭ يىڭلىنشى بەك ئاستىغا    

  • Bashqut 2021-9-17 11:23 [ئىنكاس(6)] [...]

    emlog نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ئۆزلەشتۈرىلىۋاتىدۇ، پار ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ...

كۆرۈش: 2878|ئىنكاس: 0

[ئۇچۇرلار] iPhone 13 چىقتى، ھازىر iPhone 11 يەنە سېتىۋېلىشقا ئەرزىمدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2021-10-13 16:16:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەتتە كونا نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ باھاسى چۈشىدۇ، بۇ ۋاقىت كونا نۇسخىدىكى iPhoneنى سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. بىراق، ھازىر مۇنداق بىر ئوڭايسىز ئەھۋال پەيدا بولدى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىنغان iPhone 13 بىلەن iPhone 12نىڭ سەپلىمە ۋە سېتىلىش باھاسىنى سېلىشتۇرساق، iPhone 13 يۈرۈشلۈكىنىڭ ئىقتىدار-باھا نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىراق، iPhone 13 بىلەن iPhone 11نى سېلىشتۇرساق، ئۇنداقتا ئالدىراپ قارار چىقارغىلى بولمايدۇ.
1.jpg
نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ iPhone 11 گەرچە 2019-يىلىدىكى كونا يانفون بولسىمۇ ھەم 5G تورىنى قوللىمىسىمۇ، بىراق، سېتىلىش باھاسىدىكى ئېتىبار ناھايىتى چوڭ، ھازىر ئورگان تورىدا 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 3999 يۈەن، 128GBلىق نۇسخىسى 4599 يۈەن. ئەگەر باھادا يەنىمۇ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ ئەرزان باھادا سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
2.jpg
بىز ئالدى بىلەن iPhone 11 ۋە iPhone 13نىڭ سەپلىمە پارامېتىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.

iPhone 11گە 6.1 ديۇملۇق LCD پۈتۈن ئېكران سەپلەنگەن، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى 1792×828، بىر تەرەپ قىلغۇچ تىپى A13 بولۇپ، پەقەت 4G تورىنىلا قوللايدۇ. باتارېيە سىغىمى 3110mAhكە يېتىدۇ، 30 مىنۇتتا ئەڭ كۆپ بولسا %50 زەرەتلىگىلى بولىدۇ. كەينىدە 12 مىليون پىكسېللىق ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا بىلەن كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا (قوش كامېرا) بار، ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش ۋە بەش ھەسسىلىك رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. ئالدى كامېراسىنىڭ ئېنىقلىقى 12 مىليون پىكسېل.

iPhone 13كە 6.1 ديۇملۇق OLED ئېكران، A15 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، 5G ۋە WiFi 6Eنى قوللايدۇ. 3095mAhلىق باتارېيە سەپلەنگەن، 25Wلىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. كەينىدە 12+12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا بار، سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

iPhone 11 ۋە iPhone 13نى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى يانفوننىڭ قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىۋاتقان دوستلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىمىز: ئەگەر سىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ خالىغان بىرىگە چۈشسىڭىز، ئۇنداقتا iPhone 11نى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
3.jpg
بىرىنچىسى، زۆرۈر ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مەقسىتىدىكى ئىستېمالچىلار

بىز دائىم دوستلارغا شۇنى تەكىتلەيمىز، يانفون ئۆزىمىزگە ماس كەلسىلا بولدى. ھازىر بازاردا يانفوننىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، نۇرغۇن بايراقدار يانفونلارنىڭ باھاسى زىيادە قىممەت، يانفون سېتىۋالغاندا «ئەڭ يېڭى»، «ئەڭ قىممەت»، «ئەڭ قالتىس» دېگەنلەرنى قوغلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەسىلەن، سىز يانفوندا ئويۇن ئوينىغاندا «راۋان بولسا، قېتىۋالمىسا» دەپ تەلەپ قويغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا A13 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن iPhone 11 سىزنىڭ بۇ تەلىپىڭىزنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.

ئىككىنچىسى، 5G تورىنى قوغلاشمايدىغانلار

ئىككى يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ پەرقىنىڭ بىرى تور ئىقتىدارى، بىرى 4G تورىنىلا قوللايدۇ، يەنە بىرى 5G تورىنى قوللايدۇ. بىراق، بىزنىڭ ئويلىشىشىمىزغا تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، ھازىر 5G تورى تېخى تولۇق قاپلىنىپ بولالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 5G تورىغا ئائىت يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرمۇ مۇكەممەل ئەمەس، ئالىدىغان ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز 5G تورىنى ئالاھىدە قوغلىشىپ كەتمىسىڭىز، ئۇنداقتا iPhone 11نىڭ 4G تورىمۇ ئادەتتىكى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتە 4G تورىنى ئىشلىتىدىغانلار 5G تورىنى ئىشلىتىدىغانلارغا قارىغاندا كۆپرەك.

ئۈچىنچىسى، LCD ئېكراننى ياقتۇرىدىغانلار

iPhone 11گە ئىشلىتىلگىنى LCD ئېكران، iPhone 13كە ئىشلىتىلگىنى بولسا OLED ئېكران. بۇ ئىككى خىل ئېكراننىڭ پەرقىنى دوستلار ئاساسەن چۈشىنىدۇ. ئەگەر سىز OLED ئېكرانغا ئامراق بولسىڭىز، ئۇنداقتا iPhone 11نى ئويلاشمايلا قويۇڭ. ئەمما ئەگەر سىز LCD ئېكراننى ياقتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز، ئۇنداقتا iPhone 11 سىزگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

تۆتىنچىسى، خامچوتى چەكلىك بولغان دوستلار

ئەڭ ئاخىرقىسى، ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان خامچوت مەسىلىسى، ئەگەر سىز پەقەتلا ئالما يانفونى ئىشلەتسەم بولاتتى دەپ ئويلىسىڭىز، يەنە كېلىپ iPhone 13نى سېتىۋېلىشقا ھازىرچە پۇلىڭىز كەملەپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا iPhone 11مۇ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان ئالما يانفونى بولالايدۇ، 4~5 يىل ئىشلىتىشىڭىزدە مەسىلە يوق.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2022-5-20 08:28 , Processed in 0.091043 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش