بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ
x
تىشلىقمۇ قېرىنداشلار. ئارغىنا ۋاقتىمنى چىقىرىپ تەدبىركار ئەپەندىم بۇرۇن ئېلان قىلغان ۋوردپرەس قىستۇرمىسى wp-bfont نى ئۆزگەرتىپ، 3.8 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقرى نەشرىگە ماسلاشتۇردۇم. ۋە UKIJ TUZ TOM, Alpida Unicode System قاتارلىق ئىككى خىل خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.
قىستۇرما كونا نەشرىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر:
1. قىستۇرمىنىڭ كونا نەشرىدە بىر خىللا (UKIJ TUZ TOM) خەت نۇسخىسى تەمىنلەنگەن.
2. قىستۇرمىنىڭ كونا نەشرىدە يېڭى نەشرىدىكى ۋوردپرەسنىڭ بەزى font-icon لىرىنى بۇزۇپ قويىدۇ، بەزى يەرلەرگە خەت تولۇق تونۇتۇلمىغان.
3. ئۆزىمىز قاتقان (يەنى name خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىمىز خالىغانچە بېكىتكەن) بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈلمەيدىغان رامكىلارغىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈلۈپ كېتىدۇ.(بۇ مەسىلىنى كېيىنكى نەشرىدە ھەل قىلىپ قويىمەن، ### خالىسا…)
بۇ قېتىمقى نەشرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر:
- ھازىرچە ئىككى خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
- font-icon لىرىنى بۇزۇۋېتىش، قىسمەن جايلارغا خەت تونۇتۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
- ئەسلىدىكى bedit.js نىڭ ئورنىغا FinalFantasy يېزىپ چىققان ug_vk.js (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)ئىشلىتىلدى.
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش :
قىستۇرمىنى ئىشلىتىش & كۆرگەزمە:
قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن [ ئىشلەتكۈچىلەر ] -> [ ئارخىبىڭىز ] غا كىرىپ خەت نۇسخىسى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئىزاھات :
قىستۇرمىنىڭ يېڭى نەشرىدىكى ۋوردپرەسكە ماسلاشماسلىقتەك مەسىلىسىگە قارىتا ئورگان تەرەپ تېخى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتمىدى، ياكى نەشرىنى يۇقۇر كۆتۈرمىدى. بۇ قىستۇرمىنى ئۆز قىزىقىشىم تۈپەيلى ئۆزگەرتىپ، بلوگگىر دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە تۇرۇپتىمەن. ئەگەر بۇ قىستۇرمىنى ئۆزگەرتىشىمنى توغرا ئەمەس دەپ قارىغۇچىلار بولسا، مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. 24 سائەت ئىچىدە يازما ئۆچۈرۈلىدۇ.
مەنبە :
دوغاپ بلوگى | http://doghap.net/wp-bfont_1-5.html
|