بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 258 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 0

[Node.js] Node.js فونكىسيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
JavaScript تا، بىر فۇنكسىيەنى يەنە بىر فۇنكسىيەنىڭ پارامېتىرى قىلىشقا بولىدۇ. بىز ئالدى بىلەن بىر فۇنكسىيەگە ئېنىقلىما بېرىپ، يوللىساقمۇ، ياكى پارامېتىر يوللايدىغان جايدا  بىۋاسىتە فۇنكسىيەگە ئېنىقلىما بەرسەكمۇ بولىدۇ.
Node. js دىكى فۇنكىسىيەنىڭ ئىشلىتىلىشى JavaScript بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەسلەن  تۆۋەندىكىدەك:
  1. function say(word) {
  2.   console.log(word);
  3. }
  4. function execute(someFunction, value) {
  5.   someFunction(value);
  6. }
  7. execute(say, "Hello");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يۇقارقى كودلاردا say فۇنكىسىيەسىنى execute فۇنكىسىيەسىنىڭ تۇنجى ئۆزگەرگۈچى مىقدارى سۈپىتىدە يوللىدۇق. بۇ يەردە يوللىغىنىمىز say نىڭ قايتىش قىممىتى بولماستىن، بەلكى say نىڭ ئۆزى!
شۇنداق قىلىپ، say فونكىسىيە execute دىكى يەرلىك ئۆزگەرگۈچى مىقدار some Function غا تەڭ بولدى، execute بولسا someFunction() ئىشلىتىش ئارقىلىق say نى ئىشلەتتى.
ئەلۋەتتە، say دا بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار بار بولغانلىقى ئۈچۈن، execute دا some Function نى ئىشلەتكەندە بۇنىڭدەك ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى يوللىغىلى بولىدۇ.

نامسىز فۇنكسىيە
بىز بىر فۇنكسىيەنى ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىلىپ يوللىساق بولىدۇ.
  1. function execute(someFunction, value) {
  2.   someFunction(value);
  3. }
  4. execute(function(word){ console.log(word) }, "Hello");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بىز execute نىڭ بىرىنچى پارامېتىرنى قوبۇل قىلغان جايدا execute غا يەتكۈزمەكچى بولغان فۇنكىسىيەگە بىۋاستە ئېنىقلىما بەردۇق.
بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بىز ھەتتا بۇ فۇنكسىيەگە ئىسىم قويمىساقمۇ بولىدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنى نامسىز فونكىسىيە دەپ ئاتىشىمىزنىڭ سۈۋەبى.

فۇنكسىيە يەتكۈزۈش HTTP مۇلازىمېتىردا قانداق خىزمەت قىلدۇرىدۇ؟
تۆۋەندىكى كودلارغا نەزەر سالايلى:
  1. var http = require("http");
  2. http.createServer(function(request, response) {
  3.   response.writeHead(200, {"Content-Type": "text/plain"});
  4.   response.write("Hello World");
  5.   response.end();
  6. }).listen(8888);
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ھازىر ئۇ قارىماققا ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ: بىز create Server فۇنكسىيەسىگە بىر نامسىز فۇنكسىيە يوللىدۇق.
تۆۋەندىكى كود ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ:
  1. var http = require("http");
  2. function onRequest(request, response) {
  3.   response.writeHead(200, {"Content-Type": "text/plain"});
  4.   response.write("Hello World");
  5.   response.end();
  6. }
  7. http.createServer(onRequest).listen(8888);
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


شۇنداق قىلىپ مەزكۇر يازما مۇشۇ يەردە تۈگىدى، داۋامىغا قىزىقماقچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز بىلىملەر مۇنبىرى بىلەن بىلىملەر سالونىدا بولسۇن، سالون ئىزدەش نامى: bilmlarcom
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-2-27 15:18 , Processed in 0.069310 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش