بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 258 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 658|ئىنكاس: 0

[Node.js] Note.js REPL (دىئالوگلۇق ئانالىز قىلغۇچ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
يازمىدىكى 交互式解释器، دىئالوگلۇق ئانالىز قىلغۇچ دەپ تەرجىمە قىلىندى.

Node.js REPL كومپيۇتېرنىڭ مۇھىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، Window سىستېمىسىنىڭ تېرمىنالى ياكى Unix/Linuxshell غا ئوخشايدۇ، بىز تېرمىنالغا بۇيرۇق كىرگۈزۈپ ماس ھالدىكى سېستىما ئىنكاسىغا ئېرىشەلەيمىز.
Node ئۆزىدە دىئالوگلۇق ئانالىز قىلغۇچ بار بولۇپ، تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ:
  • ئوقۇش - ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزگەن ئۇچۇرىنى ئوقۇش، كىرگۈزگەن Javascrippt سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى ئانالىز قىلىش ھەمدە ئىچكى ساقلىغۇچقا ساقلاش.
  • ئىجرا قىلىش - كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسىنى ئىجرا قىلىش.
  • بېسىش - نەتىنجىنى چىقىرىش.
  • ئايلاندۇرۇش - ئايلاندۇرۇش مەشخۇلاتىنى تاكى ئىشلەتكۈچى **ctrl+c** ئىككى قېتىم باسقىچە ئىجرا قىلىش.

Node دىئالوگلۇق ئانالىز قىلغۇچ ئارقىلىق قولاي ھالدا Javascrippt كودىنى تەڭشەپ سىنىغىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا بىز REPL ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
بىز تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ Node تېرمىنالىنى قوزغىتالايمىز:
  1. $ node
  2. >
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ ۋاقىتتا بىز > نىڭ ئارقىغا ئاددى بولغان ئىپادىلەرنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نەتىنجىسىنى چىقىرالايمىز.

ئاددىي ئىپادە ئەمىلى
تۆۋەندە بىز Node.js REPL نىڭ بۇيرۇق قۇرى كۆزنىكىدە ئاددىي ماتېماتىكىلىق ئەمەللەرنى ئىجرا قىلىمىز:
  1. $ node
  2. > 1 +4
  3. 5
  4. > 5 / 2
  5. 2.5
  6. > 3 * 6
  7. 18
  8. > 4 - 1
  9. 3
  10. > 1 + ( 2 * 3 ) - 4
  11. 3
  12. >
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئىشلىتىلىشى
سىز سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ساقلىۋالسىڭىز، ھەمدە سىز ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئۆزگەرگۈچى مىقدار var ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىسەك بولىدۇ، ئەگەر var ئاچقۇچلۇق سۆزى ئىشلىتىلمىسە ئۆزگەرگۈچى مىقدار بىۋاستە بېسىپ چىقىرىلىدۇ.
var ئاچقۇچلۇق سۆزنى ئىشلىتىلگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى بىۋاستە console. log () ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
  1. $ node
  2. > x = 10
  3. 10
  4. > var y = 10
  5. undefined
  6. > x + y
  7. 20
  8. > console.log("Hello World")
  9. Hello World
  10. undefined
  11. > console.log("www.runoob.com")
  12. www.runoob.com
  13. undefined
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كۆپ قۇرلۇق ئىپادە
Node REPL كۆپ قۇرلۇق ئىپادە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ، بۇ ئازراق JavaScript قا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمدى بىز بىر while دەۋرىيلىكىنى ئىجرا قىلاپ باقايلى:
  1. $ node
  2. > var x = 0
  3. undefined
  4. > do {
  5. ... x++;
  6. ... console.log("x: " + x);
  7. ... } while ( x < 5 );
  8. x: 1
  9. x: 2
  10. x: 3
  11. x: 4
  12. x: 5
  13. undefined
  14. >
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

... ئۈچ چىكىت بەلگىسىنى بولسا سىستېما ئاپتوماتىك ھاسىل قىلغان بولۇپ، سىز قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا ھاسىل بولىدۇ. Node ئاپتوماتىك ئۈزلۈكسىز ئىپادىلەش شەكلىمۇ ئەمەسمۇ تەكشۈرەلەيدۇ.
تۆۋەن سىزىقلىق (_) ئۆزگەرگۈچى مىقدار
سىز ئاستى سىزىق (_ ) ئارقىلىق يۇقىرىقى بىر ئىپادىنىڭ ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
  1. $ node
  2. > var x = 10
  3. undefined
  4. > var y = 20
  5. undefined
  6. > x + y
  7. 30
  8. > var sum = _
  9. undefined
  10. > console.log(sum)
  11. 30
  12. undefined
  13. >
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇيرۇق REPL
  • ctrl + c - نۆۋەتتىكى تېرمىنالدىن چېكىنىپ چىقىش.
  • ctrl + c نى ئىككى قېتىم بېسىش - چىكىنىش.
  • ctrl + d - چىكىنىش.
  • ئۈستى \ ئاستى كۇنۇپكا - كىرگۈزۈلگەن تارىخىي بۇيرۇقنى تەكشۈرۈش.
  • tab كۇنۇپكىسى - نۆۋەتتىكى بۇيرۇقنى تىزىپ چىقىش.
  • .help - ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى تىزىپ چىقىش.
  • .break - كۆپ قۇرلۇق ئىپادىدىن چېكىنىش.
  • .clear - كۆپ قۇرلۇق ئىپادىدىن چېكىنىش.
  • .save filename - نۆۋەتتىكى Node REPL خاتىرىسىنى بەلگىلەنگەن ھۆججەتكە ساقلاش.
  • .load filename - ساقلىۋالغان Node REPL خاتىرىسىنى كىرگۈزۈش.

REPL توختىتىش
يوقىردا بىز ctrl + c ئىككى قېتىم باسقاندا REPL دىن چىكىنەلەيدىغانلىقىمىزنى تىلغا ئالغان:
  1. $ node
  2. >
  3. (^C again to quit)
  4. >
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

مىسال
تۆۋەندە بىز Gif رەسىم ئارقىلىق بىر مىسال كۆرۈپ چىقايلى:
nodejs-gif2.gif

شۇنداق قىلىپ مەزكۇر يازما مۇشۇ يەردە تۈگىدى، داۋامىغا قىزىقماقچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز بىلىملەر مۇنبىرى بىلەن بىلىملەر سالونىدا بولسۇن، سالون ئىزدەش نامى: bilmlarcom
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-3-9 03:10 , Processed in 1.148747 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش