بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 255 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 0

[Node.js] Node.js تۇنجى پروگرامما

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2020-12-24 16:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئەگەر PHP ئارقىلىق مۇلازىمىتېر پروگراممىسى يازغان بولساق، Apache ياكى Nginx  نىڭ HTTP مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشىمىز ھەمدە mod_php5 بىلەن php-cgi مودىلى سەپلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى «HTTP ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ۋە Web بەت يۈزىگە يەتكۈزۈش» جەريانىدا PHP بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشمايدۇ.
لىكىن Node.js غا نىسپەتەن، ئۇقۇم پۈتتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. Node.js ئارقىلىق بىز پروگرامما تۈزۈپلا قالماي، يەنە پۈتتۈن HTTP مۇلازىمىتېرىنىمۇ ئاسانلا قۇرۇپ چىقالايمىز.
ئۇنداقتا بىز Node.js دە «Hello, World!» پروگراممىسىنى تۈزۈشتىن بۇرۇن، Node.js نىڭ قايسى بۆلەكلەردىن تۈزۈلدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى:
1. required مودىلىنى تارتىپ ئىشلىتىش: بىز require بۇيرۇقى ئارقىلىق Node.js مودىللىرىنى تارتىپ ئىشلىتەلەيمىز.
2. مۇلازىمىتېر قورۇش: مۇلازىمىتېر ئابونتلار تېرمىنالدىن كەلگەن ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىدۇ، مەسلەن: Apache ،Nginx لارنىڭ HTTP مۇلازىمىتېرىدەك.
3. ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋە قايتۇرۇش: مۇلازىمىتېر قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئابونتلار تېرمىنال بۆلەك تورگۈچ ياكى ھەر خىل تېرمىناللار ئارقىلىق HTTP ئىلتىماس يوللايدۇ، مۇلازىمىتېر ئىلتىماسنى قوبول قىلغاندىن كىيىن، ماس بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى قايتۇرىدۇ.

Node.js پروگراممىسى قۇرۇش
بىرىنجى باسقۇچ، required مودىلىنى تارتىپ ئىشلىتىش
بىز required بويرۇقى ئارقىلىق http مودىلىنى تارتىپ ئىشلىتىمىز، مەسلەن:
  1. var http = require("http");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئىككىنچى باسقۇچ، مۇلازىمىتېر قۇرۇش
بىز http.createServer() ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ مۇلازىمىتېر قۇرىمىز، ھەمدە listen ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ 8888 ئېغىزنى باغلايمىز. بۇ فونكىسىيە request، response پارامېتېر ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات قۇبۇل قىلىش ۋە قايتۇرىدۇ.
تۆۋەندىكى مىسالغا قاراڭ، تۈر مۇندەرىجىڭىزگە server.js ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ، ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ.
  1. var http = require('http');

  2. http.createServer(function (request, response) {

  3.     // HTTP بېشى يوللاش
  4.     // HTTP ھالەت قىممىتى: 200 : OK
  5.     // مەزمۇن شەكلى: text/plain
  6.     response.writeHead(200, {'Content-Type': 'text/plain'});

  7.     // سانلىق مەلۇمات يوللاش "Hello World"
  8.     response.end('Hello World\n');
  9. }).listen(8888);

  10. // تېرمىنالدا بېسىپ چىقىرىلغان مەزمۇن تۆۋەندىكىدەك
  11. console.log('Server running at http://127.0.0.1:8888/');
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يوقارقى كودتىن بىز نۇرمال بولغان HTTP مۇلازىمىتېرنى مۇھىتى قۇرۇپ چىقتۇق.
ئەمدى node بۇيرۇقى ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ باقايلى.
  1. node server.js
  2. Server running at http://127.0.0.1:8888/
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

cmdrun.jpg
ئەمدى بىز تور كۆرگۈچنى ئېچىپ http://127.0.0.1:8888 ئادىرىسنى زىيارەت قىلساق، تور بىكەت يۈزىدىكى «Hello World» دىگەن سۆزلىكنى كۆرىمىز.
nodejs-helloworld.jpg

ئەمەلىي مىسال
node-hello.gif

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +15 يىغىش سەۋەبى
نۇرقۇت + 15 ھارمىغايسىز

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-1-16 14:33 , Processed in 0.071804 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش