بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ
x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BILBILIK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2020-12-24 21:20
ۋوردپرەسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ساندان چوڭلاپ توربىكەتنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا سانداننى پات-پات تازلاپ تۇرىشىمىز كېرەك ! بىراق قانداق تازلايمىز ؟ phpmyadmin دىنمۇ نېمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق ! ئادەتتە phpmyadmin نى كۆپىنچىمىز پىششىق بىلمەيدىكەنمىز (مەنمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە ) مەن بۇ phpmyadmin نى نەچچە ئويناپ سانداننى بۇزۇپ ئانامانىسىنى چىقىرىۋەتتىم يا قولۇمدا زاپاسلانغان ساندان يوق يا ئوڭشىىغۇدەك سەۋىيە يوق يەنە شۇ قايتىدىن يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم ھەمدە phpmyadmin قا قارىتا ئېھتىياتچان بولدۇم بەلكىم باشقىلارمۇ مەندەك ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇققانلارمۇ باردۇ شۇ سەۋەپ مەنمۇ توردىن بىخەتەر ئۇسۇل بارمىدۇ دەپ كۆپ ئىزدەندىم ھەمدە مەلۇم نەتىجىگىمۇ ئېرىشتىم شۇڭا بۇ نەتىجىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى ! بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم ساندان تازلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قىستۇمىسى بۇ قىستۇرما سانداندىكى زۆرۈر بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تازلايدۇ ھەم سانداننى ئەلالاشتۇرالايدۇ. قىستۇرمىنىڭ ئورگان ئۇچۇرى: قىستۇرمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇرى:
بۇ قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى سانداندىكى زۆرۈر بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تازلايدۇ ھەم سانداننى ئەلالاشتۇرالايدۇ. ئىشلىتىش ئاددى قولايلىق تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، ياردەم ئۇچۇرىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى شۇڭا ئىشلىتىشتە ئازراقمۇ قىينالمايسىز. مەن ئۆزۈم بىر پروگرامما ئۇستىسى ياكى كەسپى تەرجىمانمۇ ئەمەس ئېنگىلىسچە سەۋىيەممۇ تۆۋەن ، پەقەت بىر ئاددىي ھەۋەسكارمەن شۇڭا بۇ ئەمگىكىمدە ئۆزۈم بايقىيالمىغان نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن ، ئەگەردە تورداشلار بايقىغان بولسا تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن . ھەمدە سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن !
|