بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 255 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 0

[Node.js] Node.js قاچىلاش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2020-12-22 20:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ قېتىملىق دەرسلىكتە بىز كۆپچىلىككە Windows، Linux ۋە macOS سېستىمىلاردا Node.js قاچىلاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
Node.js چۈشۈرۈش مەنزىلى: https://nodejs.org/en/download
download-page.jpg
ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Windows مۇھىتىدا Node.js قاچىلاش
كومپىيۇتېرىڭىزغا ماس بولغان .msi قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ.
4530AA77-2208-47FA-A900-91C93AEC95AF.jpg
قوش چىكىپ ئاچقاندىن كىيىن ئۇدا كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ قاچىلاشنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.
قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن cmd غا path دىگەن بۇيرۇقنى يېزىپ، ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا قوشۇلدىمۇ يوق تەشكۈرۈپ بېقىڭ.
  1. PATH=C:\oraclexe\app\oracle\product\10.2.0\server\bin;C:\Windows\system32;
  2. C:\Windows;C:\Windows\System32\Wbem;C:\Windows\System32\WindowsPowerShell\v1.0\;
  3. c:\python32\python;C:\MinGW\bin;C:\Program Files\GTK2-Runtime\lib;
  4. C:\Program Files\MySQL\MySQL Server 5.5\bin;C:\Program Files\nodejs\;
  5. C:\Users\rg\AppData\Roaming\npm
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يوقارقىدەك C:\Program Files\nodejs دىگەن مۇندەرىجە بولسا ئوڭۇشلۇق قاچىلانغان بولىدۇ، ئەمدى Node.js نىڭ نەشىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
cmd تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىڭ.
  1. node --version
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

node-version-test.png
ئەسكەرتىش: سىزنىڭ قاچىلىغان Node.js نىڭ نەشىرى مېنىڭكىدىن يوقىرى بولىشى مۇمكىن.

Linux مۇھىتىدا Node.js قاچىلاش
linux  مۇھىتىدا بىز ئورگاندىن بىۋاستە Node.js نى چۈشۈرۈپ، بوغچىنى يىشىپلا ئىشلىتىۋەرسەك بولىدۇ، قاچىلاش ھاجەتسىز.
  1. # wget https://nodejs.org/dist/v10.9.0/node-v10.9.0-linux-x64.tar.xz    // چۈشۈرۈش
  2. # tar xf  node-v10.9.0-linux-x64.tar.xz       // پرىستىن يىشىش
  3. # cd node-v10.9.0-linux-x64/                  // مۇندەرىجىگە كىرىش
  4. # ./bin/node -v                               // نەشىر كۆرۈش
  5. v10.9.0
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

پىرىستىن يەشكەن ھۆججەتنىڭ bin مۇندەرىجىسى ئىچىدە node، npm قاتارتلىق بۇيرۇقلار بار، بىز ln ئارقىلىق بۇ بۇيرۇقلارنى ئۇلىنىش قوشىمىز:
  1. ln -s /usr/software/nodejs/bin/npm   /usr/local/bin/
  2. ln -s /usr/software/nodejs/bin/node   /usr/local/bin/
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


macOS مۇھىتىدا Node.js قاچىلاش
1. ئورگان تور بىكەتتىن https://nodejs.org/en/download بىۋاستە pkg قاچىلاش پروگراممىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش.
2. brew بۇيرىقى ئارقىلىق قاچىلاش:
  1. brew install node
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

1- خىل ئۇسۇل تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ مەزكۇر يازما مۇشۇ يەردە تۈگىدى، داۋامىغا قىزىقماقچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز بىلىملەر مۇنبىرى بىلەن بىلىملەر سالونىدا بولسۇن، سالون ئىزدەش نامى: bilmlarcom
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-1-24 19:44 , Processed in 24.931531 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش