|
بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ
x
ئاددى قىلىپ ئېيتساق Node.js بولسا مۇلازىمىتېر بۆلەكتە ئىجرا بولىدىغان JavaScript.
Node.js بولسا Chrome JavaScript ئىجرا بولغان ۋاقىتتا قۇرۇلغان سۇپا.
Node.js بولسا I/O ھادىسە قوزغاتقۇچ مۇلازىمىتېر بۆلەك JavaScript مۇھىتى، Google نىڭ V8 موتورنى ئاساس قىلىدۇ، V8 موتورنىڭ Javascript ئىجرا قىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تىز بولۇپ، ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك.
ئۇنداقتا كىملەر بۇ دەرسىلكنى كۆرۈشكە ماس كېلىدۇ؟
ئەگەر سىز بىر ئالدى بۆلەك پروگرامما تۈزگىچى بولۇپ، PHP، Python ياكى Ruby قارارلىق ھەركەتچان پروگرامما تىلىرىنى بەك بىلىپ كەتمىسىڭىز، يەنە كېلىپ سىز بىر مۇلازىمىتېر بۆلەككە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، Node.js سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
Node.js بولسا مۇلازىمىتېر بۆلەكتە ئىجرا بولىدىغان JavaScript، شۇڭا سىز Javascript ياخشى بىلسىڭىزلا ناھايىتى تىزلا Node.js ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز.
ئەگەردە، سىز ئارقا بۆلەك پروگراممىر بولۇپ، يوقىرى ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجىڭىز بولسا Node.js ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
قايسى سەۋىيەدىكى دوستلارغا ماس كېلىدۇ؟
مەزكۇر دەرسلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىزدە بەلگىلىك كومپىيۇتېر پروگراممىسىغا دائىر بىلىملەر بولسا تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە Node.js غا كىرىشىپ كېتەلەيسىز. مەسلەن Javascript، PHP، Java دىگەندەك.
بىرىنجى پروگراممىمىز: Hello World!
- console.log("Hello World");
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
يوقارقى كودنى كۆچۈرۈپ helloworld.js دىگەن js ھۆججەتكە ساقلاڭ، ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى تېرمىنالدا ئىجرا قىلىڭ.
ئەگەر مۇھىتتا مەسىلە بولمىسا تېرمىنالدا Hello World دىگەن خەتلەرنى كۆرىمىز.
دىئالوگلۇق ھالىتى
تېرمىنالنى ئېچىپ node بۇيرۇق دىئالوگلۇق ھالىتىگە كىرىپ، ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزۈپ سىناق قىلىڭ.
- $ node
- > console.log('Hello World!');
- Hello World!
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەمەلىي مىسال
دىققىتىڭىز دەرسلىكنىڭ داۋامىدا بولسۇن. مەزكۇر دەرسلىك بىلىملەر مۇنبىرى ۋە بىلىملەر سالونىدا يوللىنىدۇ. |
|