بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 255 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 6844|ئىنكاس: 1

[Python] Linux سېستىمىسىغا Python 3.8.5 مۇھىت ھازىرلاش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئادەتتە بىز كۆپۈنچە ئالىيۈن ياكى تىڭشۈندىن Linux مۇلازىمىتېر سېتىۋېلىپ ئىشلىتىمىز. كۆپۈنچە سېستىمىلار centos7 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈكۈتتە پەقەت Python 2 نەشىرى قاچىلاغلىق بولىدۇ. ھازىر Python2 نەشىرىنى ئاساسەن ئىشلىتىپ كەتمەيمىز، شۇڭا Python3 نەشىرىنى قاچىلاشقا زۈرۈر بولۇپ قالىمىز.
تورلاردا ھەر خىل - سەر خىل مۇھىت ھازىرلاش ئۇسۇللىرى بار بولۇپ، قەدەم باسقۇچلارنى بىر قەدەر مۇرەككەپ قىلىپ سۆزلىۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە مەن ئەڭ ئاز قەدەم باسقۇچ بىلەن Python3 قاچىلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. تۆۋەندىكى كودنى ئىجرا قىلىۋېتىڭ.
  1. yum -y install zlib-devel bzip2-devel openssl-devel ncurses-devel sqlite-devel readline-devel tk-devel gdbm-devel db4-devel libpcap-devel xz-devel libffi-devel
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

2. python 3.8.5 ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈڭ.
  1. wget https://www.python.org/ftp/python/3.8.5/Python-3.8.5.tgz
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

3. Python-3.8.5.tgz نى پىرىستىن يىشىڭ.
  1. tar -zxvf Python-3.8.5.tgz
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

4. قۇرۇق مۇندەرىجە قورۇڭ.
  1. mkdir /usr/local/python3
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

5. سەپلىمە ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىڭ ۋە قاچىلاڭ.
  1. cd Python-3.8.5
  2. ./configure --prefix=/usr/local/python3
  3. make && make install
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

6. ئۇلىنىش ھاسىل قىلىڭ.
  1. ln -s /usr/local/python3/bin/python3.8 /usr/bin/python3
  2. ln -s /usr/local/python3/bin/pip3.8 /usr/bin/pip3
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

7. سىناق قىلىڭ.
  1. [root@mini Python-3.8.5]# python3
  2. Python 3.8.5 (tags/v3.8.5:580fbb0, Jul 20 2020, 15:57:54) [MSC v.1924 64 bit (AMD64)] on win32
  3. Type "help", "copyright", "credits" or "license" for more information.
  4. >>> print("hello world!")
  5. hello world!
  6. >>> exit()
  7. [root@mini Python-3.8.5]# pip3 --version
  8. pip 10.0.1 from /usr/local/python3/lib/python3.8/site-packages/pip (python 3.8)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


شۇنداق قىلىپ python 3.8.5 ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +5 تىللا +15 قىزغىنلىق +5 يىغىش سەۋەبى
Bashqut + 5 + 15 + 5 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2020-6-27 13:00:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلىنىش ئۆزگەرتىش:
  1. #python2 ئۇلىنىشنى زاپاسلاش
  2. mv /usr/bin/python /usr/bin/python_old
  3. #python3 ئۇلىنىش ھاسىىلاش
  4. ln -s /usr/local/python/bin/python3 /usr/bin/python
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-1-24 19:38 , Processed in 10.966643 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش