بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 248 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 7356|ئىنكاس: 15

[macOS] C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلىكچە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-18 13:12  

C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش
ئۆزۈم سىناق قىلىپ ئاندىن يوللىدىم شۇڭا خاتىرجەم بولۇڭ لېكىن شۇندىمۇ ئېھتىيات بىلەن دەرىسلىكنى ياخشى كۆرۈپ ئاندىن قىلىڭ بۇ سەۋەب ماتىرياللىڭىز يوقاپ كەتسە مەن مەسئۇل بولالمايمەن جۇمۇ ! شۇڭا ياخشى ئۆگىنىپ ئاندىن بىر ئىش قىلىڭ « ئادمىن ئەپەندى دىگىنىم توغرىمۇ يا ؟ ھى ھى ھى  »
ئەمىسە دەرس باشلاندى ھە ...... قۇلاقنى دىڭ ئۆزۈڭلارنى چىڭ تۇتۇڭ دىققەت بىلەن ھە ........

windows7 دىن windows8 گە كۆچكەندىن كېيىن ، windows7 نى ئىشلەتكەن چاغدىكى C دېسكىنىڭ 20GB سىغىمى يېتىشمەي ، ھەر كۈنى دەككە-دۇككىدە دېسكا تازىلاش قوراللىرى ئارقىلىق C دېسكىنى تازلايدىغان بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ، قاچىلاپ ئىشلىتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن يۇمتاللارنى C دېسكىنىڭ سىغىمىنىڭ توشۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، قاچىلاپ ئىشلىتەلمىدىم .
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتاي دېسەم ، باشقا دېسكىلاردا نۇرغۇن يىللار يىغىپ ساقلىغان مۇھىم زاپاس ھۆججەتلەر ۋە دېتاللار بولۇپ ، يوقىلىپ كېتىشتىن قورقتۇم . ئەگەر سىغىمى چوڭراق يان دېسكا بولسىغۇ ، قاتتىق دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى يان دېسىكىغا كۆچۈرۋىلىپ ، قاتتىق دېسكىنى قايتا رايۇنلارغا بۆلۈپلا ، سېستىما قاچىلىۋەتسەملا ئىش پۈتەتتى . بۇ يەردىكى مەسىلە - دەل ئاشۇ يان دېسكىنىڭ بولمىغانلىقى .
خەنچە ئىزدەش تور بىكىتىگە مەقسىدىمنى ئېنىق قىلىپ يېزىپ ، بىر ئىزدىتىپ باقمايمۇ ؟
شۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىزدەپ قارىۋىدىم ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن . يەنى سېستىما شارائىتىدا تۇرۇپ ، ھىچقانداق ماتىرىيالنى يۆتكىمەي ، باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى زىيانغا ئۇچراتماي ، C دېسكىغا باشقا دېسكىدىن سىغىم قوشۇپ بەرگىلى بولىدىكەن .
بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. ئالدى بىلەن «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى «分区助手» » كومپىيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .

1.png

2. قاچىلغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىز قوزغىتىش سېنبەلگىسىدىن بىرسى قۇرۇلىدۇ .

2.png

3. «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى »نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سېنبەلگىسىنى قوش چىكىپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .

3.png

4 . بۇ كۆنەكتىن سىز ئالدى بىلەن C دېسكىغا سىغىمىنى قوشۇپ بەرمەكچى بولغان دېسكىنى مائۇس ئارقىلىق چىكىپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، سول تەرەپ رامكىدىن «دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش باشلامچىسى»نى چىكىش ئارقىلىق مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىسىز . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاڭ .

31.png

5 . بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .

4.png

مەقسىدىمىز C دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش بولغاچقا ، بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
6 . ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ . بۇ يەردىمۇ رەسىمدىكى تاللانغان جايلارغا ئوبدان قاراپ ، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز .
يەنى ، بىزنىڭ C دېسكىمىزنىڭ ئەسلىدىكى سىغىمى 20GB ئىدى . يەنى رەسىمدىكىدەك :

06.png

بىز قىزىل بويالغان دائىرىدىكى سىرىلما رامكىنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىق ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان سىغىمغا ئەكىلىپ توختاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .

5.png

7 . بۇ چاغدا بىر رامكا ئېچىلىدۇ ، بۇ چاغدا بىز بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك ؛

6.png

8 . بۇ ئاساسلىق دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچقا بىر قەدەر ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىكەن . ئەمما ، سىز بۇ چاغدا تورغا چىقىپ ، ماتىرىيال كۆرۈشتەك ياكى كوت-كوت ئالاقىسى ئارقىلىق پاراڭلىشىشتەك كومپىيۇتىرغا تەسىرى بولمىغان پائالىيەتلىرىڭىز ئارقىلىق ، دېسكا رايۇنىنى تەڭشەشكە كېتىدىغان كۈتۈشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز . دېتال دېسكىڭىزنى بۆلىۋىرىدۇ ، سىز بولسىڭىز زىرىكىشلىك ساقلاشنى تۈگىتەلەيسىز . مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك .

05.jpg

9. دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش (چوڭايتىش) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .

7.png

بۇ چاغدا سىز دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئېتىپ ، «مۇقىملاش»نى بېسىپ ، بۇ دىتالنى تاقاپ ، «كومپىيۇتىرىم»كوزنىكىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىدىكى«يىڭلاش»تىزىملىكىنى بېسىپ بىقىڭ .
قانداق ، C دېسكىڭىزنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپتىمۇ ؟ باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللىرىڭىز يەنىلا ئۆز پىتىمىكەن ؟
مەشغۇلات جەريانى مانا مۇشۇنداق . بۇ مەشغۇلات ئارقىلىق ، بىز سېستىما شارائىتىدا ، ھىچقانداق بىر زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلماستىن ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .
مۇقىم چۈشۈرۈش مەنزىلىنى قالدۇراي دېسەم ئۇ ھامان ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن شۇڭا دىتالنىڭ تولۇق ئىسمىنى قالدۇردۇم شۇ بويىچە ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ ياكى تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش مەنزىلى دېگەنگە ئۇلانسىڭىزمۇ بولىدۇ بەيدۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ مەزكۇر دېتالنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزدەش مەنزىلىنى قالدۇردۇم
ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلى يوقاپ كېتىپتۇ شۇڭا مۇشۇنداق قىلىپ تەھرىرلەپ قويدۇم ماقالىنىڭ ئەسلى ئىگىسى توغرا چۈشىنەرسىز.....

دىتال تولۇق نامى : 分区助手

ئىزدەپ چۈشۈرۈش : مەنزىلى

ئەسلى مەنبە : مۇئەللىم بىلوگى


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +9 يىغىش سەۋەبى
يامغۇر + 9 ئالامەت!

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-18 13:13:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىۋاننى ھېچكىمگە بەرمەيمەن جۇمۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-5-18 16:15:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئۇسۇل بولىدۇ مانا ،،، مەنمۇ بەك ئىشلىتىمەن بۇ نەرسىنى، مەنمۇ كۆپ قېتىم مۇشۇنداق دىسكىنى 格式化 قىلىۋەتمەي تۇرۇپ دىسكىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشىگەن.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-5-20 14:35:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ رەمەت سىزگە  مەن  مۇشۇ  ئۇسۇل  بويىچە  c دىسكىنىڭ  سىغىمىنى چوڭايتىۋالدېم  
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-20 22:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3210 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-20 14:35
ۋاھ رەمەت سىزگە  مەن  مۇشۇ  ئۇسۇل  بويىچە  c دىسكىنىڭ  سىغ ...

ھېچقىسى يوق سىزگە يارىغان بولسىلا بولدىغۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-5-21 10:26:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  تىمىدىن  بىرنى  ئېپ  كەپسىز  جۇمۇ...رەھمەت سىزگە
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-21 13:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامغۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-5-21 10:26
ئىسىل  تىمىدىن  بىرنى  ئېپ  كەپسىز  جۇمۇ...رەھمەت سىزگە{:4_ ...

رەھمەت سىزگە
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-6-2 01:28:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
c دېسكا سىغىمىنى ئەسلىدىكى 40 تىن 110غا كۆتەردىم ، ئەمما c دېسكىنىڭ ئىشلىتىلگەن قىسمى 50 كە چىققاندىن بۇيان سېستىما يەنە ئاستىلاپ كەتتى ،  قايتا سېستىما قاچىلىماي تۇرۇپ سۈرئەتنى يەنە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولامدۇ ؟  ئۇستازلار  تەلىم بەرگەيسىزلەر .....................؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-2 02:02:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات808 يوللىغان ۋاقتى  2016-6-2 01:28
c دېسكا سىغىمىنى ئەسلىدىكى 40 تىن 110غا كۆتەردىم ، ئەمما c  ...


C دىسكا دېگەن ئەسلى سېستىما دىسكىسى ئۇنۇڭغا ئادەتتە مەشغۇلات سېستىمىسالا ئورنىتىلسا ئەڭ مۇۋاپىق باشقا قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى باشقا رايونغا ئورنىتىڭ چۈنكى كومپيوتېر قوزغالغاندا سېستىما دىسكىسى يەنى C رايوننى ئوقۇپ چىقىدۇ ئۇ يەردە ئوقۇشقا تېگىشلىك ھۆججەت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە C دىسكىنى ئوقۇپ بولغۇچىلى بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ شۇڭا كومپيوتېر بەك ئاستىلاپ كېتىدۇ شۇڭلاشقا C دىسكىنى مۇۋاپىق بۆلۈپ مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن باشقا قوشۇمچە يۇمشاق دىتاللارنى باشقا رايونغا ئورناتسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ ھەمدە C نى پات-پات رەتلەپ تازلاپ تۇرۇڭ مەن ئادەتتە 2ياكى 3 دە تازلاپ تۇرىمەن ..... قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ ..
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-16 12:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن بىلۋالدۇق...
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-17 08:39:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسقاتقۇدەك
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-17 12:21:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بىلىمكەن،رەخمەت سىزگە
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-21 00:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز دوستۇم، ناھايىتى ياخشى ھۈنەردىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز كۆپ رەھمەت ، جاپا چەكتىزھارمىغايسىز ئەجىرىڭىز بەركەت تاپسۇن....
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-21 18:36:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چولپان520 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-21 00:16
ياخشىمۇسىز دوستۇم، ناھايىتى ياخشى ھۈنەردىن بىرنى ئېلى ...

ياقتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-21 18:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چولپان520 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-21 00:16
ياخشىمۇسىز دوستۇم، ناھايىتى ياخشى ھۈنەردىن بىرنى ئېلى ...

ياقتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2020-11-24 03:35 , Processed in 0.756647 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش