بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 248 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 19231|ئىنكاس: 77

[Emlog] emlog 5.2.1 ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
emlog بولسا php تىلىدا تۈزۈلگەن ئىقتىدارلىق بلوگ ھەم CMS سېستىمىسىدۇر. emlog سىزگە تور سۈرەتنىڭ نىمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرالايدىغان ئالاھىدە يىنىك بلوگلارنىڭ بىرى. emlog نىڭ ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك ۋە يىنىك بولۇشى دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
未标题-2.jpg

emlog نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىكلىرى
  • يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە url بەلگىلەپ، بلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتالايسىز.
  • ئۇسلۇبلىرى سەرخىل، بىكەت باشقۇرۇش بىتىدىن بىۋاستە ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.
  • نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلارنى قوللايدۇ، قىستۇرما ئارقىلىق سىز بلوگىڭىزنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلىپ چىقالايسىز.
  • ئەسەر يوللىغاندا ئەسىرىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، emlog سىزگە ھەر ۋاقىت ئاپتۇماتىك يېزىۋاتقان ئەسىرىڭىزنى ساقلاپ بىرىدۇ.
  • ئورگىنال ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر بىر ئەسەرنى يېزىپ، ئاخىرىنى كىيىنچە يازماقچى بولسىڭىز ئەسەرنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئورگىنالغا ساقلىۋېلىپ كىيىنچە ۋاقىتىڭىز چىققاندا داۋاملىق يېزىپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  • يانفون بېتى بەك چىرايلىق، ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرلىيەلەيسىز.
  • سىمسىز ئەسەر يوللىيالايسىز. سىز Windows Live Write قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ بىۋاستە بلوگ يازالايسىز.
  • يان تىزىملىكلەرنى خالىغانچە قوشقىلى، ئېلىۋەتكىلى ۋە خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. يەنە تېخى ئىختىيارى يان تىزىملىك قوشالايسىز.
  • ئىختىيارى بەت قورۇپ چىقالايسىز. بۇ ئارقىلىق سىز سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ خاس بىتىنى لايىھەلەپ چىقالايسىز. ھەمدە بۇ بەتلەرنى ئۈستى يول باشلاش قىسمىغا ئورنىتالايسىز.
  • كۆپ يازغۇچى بىرلىشىپ بلوگ يازالايسىز. ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاستە ئاپتۇر قوشۇپ بىرلىشىپ بىرلىشىپ بلوگ يازسىڭىز بولىدۇ.
  • ئەسەرلارگە خەتكۈچ قۇشۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، خەتكۈچ (tag) ئارقىلىق ئەسەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ كۆرەلەيسىز.
  • ئەسەرلەرگە بىۋاستە قۇشۇمچە(رەسىم، ھۆججەت) قاتارلىقلارنى قوشالايسىز.   . بلوگ باش بىتىدىكى كالىندار ئارقىلىق ئەسەر يېزىلغان كۈننى چىكىپ شۇ كۈنلۈك ئەسەرلەرنى كۆرەلەيسىز.
  • ئارقا باشقۇرۇشقا ساندان قالدۇق تازلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بلوگ سۈرىتىنى كۆرۈنەرلىك تىزلىتەلەيسىز.
  • RSS ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر سىزنىڭ بلوگىڭىزغا مۇشتەرى بولالايدۇ.
  • ئارقا باشقۇرۇشتا ساندان زاپاسلاش، ئاپتۇماتىك ساندان زاپاسلاش ۋە ساندان قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
  • بلوگنىڭ يەنە خاتىرە يوللاش ئىقتىدارى بولۇپ، رەسىم ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى قىستۇرالايسىز. ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭالايسىز.

قاچىلاش ئۇسۇلى
  • src نىڭ ئىچىدىكى باھارلىق ھۆججەتلەرنى بلوگ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇنغا چىقىرسىز.
  • تور كۆرگۈچكە بلوگ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇننىڭ كەينىگە install.php نى قۇشۇپ ئاچىسىز ۋە قاچىلايسىز.
  • قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى، قاچىلاش ھۆججىتى install.php نى بوشلۇقتىن ئۈچۈرۋېتىڭ.

بىلىملەردە
   بىلىملەر مۇنبىرىگە emlog مەخسۇس رايۇنى قۇرۇلدى.
   emlog مەخسۇس رايۇنى ئادىرىسى: بىلىملەر مۇنبىرى » كومپىيۇتېر » تور بىكەت ياساش بىلىملىرى » emlog مەخسۇس رايۇنى.
   emlog مەخسۇس رايۇنىغا يەنە چۈشۈرۈش، ئۇسلۇب، قىستۇرما، تېخنىكا ۋە ياردەمدىن ئىبارەت كىچىك تۈرلەر قۇشۇلغان بولۇپ، تېما يوللىغاندا ماس تۈرگە يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

emlog چۈشۈرۈش
   چۈشۈرۈش مەنزىلىنى بىۋاستە بلوگغا قۇشۇمچە سۈپىتىدە يوللىدۇم، تورداشلار تېما قۇشۇمچىسىدىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ. چۈشۈرگەندە بىلىملەرگە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
   Emlog 5.2.1 For uyghur By_Bilimlar Team.zip (651.47 KB, چۈشۈرۈش سانى: 311)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللا +50 يىغىش سەۋەبى
نامسىز + 20 ئىسىل، قوللايمەن
پۇسات + 30 ئىسىل، قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-29 13:33:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى ئەڭ يېڭى تۈزۈتۈلگەن نۇسقىسى قايتا يوللاندى.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-29 17:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا  چەكتىڭىز   مەن چۈشۈرۈپ  كورۈپ  باقاي  
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-29 17:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسات يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 17:04
جاپا  چەكتىڭىز   مەن چۈشۈرۈپ  كورۈپ  باقاي

ماۋۇ دىتالىم تورى ئىسىل چىقىپتۇ جۇمۇ .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-29 17:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 17:29
ماۋۇ دىتالىم تورى ئىسىل چىقىپتۇ جۇمۇ .

ھې ھې  ئېچى  قۇرۇق  
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-30 11:48:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەرجىمە قىلسام بولامىكى دېسەم سەن قىلىپ بوپسەن، مەن ۋاقتىمنىڭ چىقىشىچە بىر قانچە ئۇسلۇب تەرجىمە قىلسام بولغۇدەك.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 16:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iqbal يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 11:48
مەن تەرجىمە قىلسام بولامىكى دېسەم سەن قىلىپ بوپسەن، مە ...

بولسا شۇنداق قىلە.
http://www.emlog.net/template/386
بۇ ئۇسلۇبنى مەن قىلىشنى باشلاپ بولدۇم جۇمۇ، تەكرارلىنىپ قالمىسۇن.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-30 18:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق نەشىر كۆتۈرىمىز ئاداش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 23:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 18:05
قانداق نەشىر كۆتۈرىمىز ئاداش

سانداننى زاپاسلىۋېلىڭ، ماۋۇ يېڭىسىنى قاچىلاپ، ئارقا بەتتىن ساندان ياندۇرۇڭلار.
ئەسلى بەت ، سانداننى چوقۇم ساقلىۋېلىپ تۇرۇپ سىناڭلار.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-31 02:12:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسىلىكنىمۇ  قۇشۇپ يوللىسىڭىز بولىتى  مۇنبە ر پۇلىغا  
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-31 02:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلش  ئۇسلۇب  ، قىستۇرما  دىگەنلىنى بولسىمۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 03:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 02:13
تەرجىمە قىلش  ئۇسلۇب  ، قىستۇرما  دىگەنلىنى بولسىمۇ

ئەتە يېڭى ئۇسلۇب ئېلان قىلىمەن. ھەقسىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-1-31 11:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 03:43
ئەتە يېڭى ئۇسلۇب ئېلان قىلىمەن. ھەقسىز.

ياخشىراق  ئۇسلۇب تەۋسىيە  قىلىڭە ئۆزلەشتۈرۈپ باقاي
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 12:31:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسات يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 11:05
ياخشىراق  ئۇسلۇب تەۋسىيە  قىلىڭە ئۆزلەشتۈرۈپ باقاي

مەن ماۋۇ ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈپ %98 گە كەلدىم.
http://www.emlog.net/template/393

ماۋۇ ئۇسلۇب قانداراقكەن؟
http://www.emlog.net/template/372
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2014-2-4 18:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىشلىتىپ كۈرەي.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2020-11-29 12:02 , Processed in 0.166333 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش