بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 263 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1248|ئىنكاس: 2

[دەرسلىك] ئۈندىدارنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىڭىز قول سېلىپ قوشۇۋېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bashqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2021-3-2 19:08  

ياخشىمۇسىلەر دوستلار، گەپنى قىسقىلا قىلاي، نەچچە كۈندىن بېرى، ئۈندىدارىمدا گەپنى دەپ بولۇپ قايتۇرىۋالىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى، ھەم كومپيوتېردا كۆپ ئۈندىدار ئېچىپ ئىشلىتىدىغان ئىشلارغا كۆپ ئۇچراپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن توردىن ماتېريال كۆرۈپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋالدىم، (ئاز گەپ قىلىمەن دەپ يەنە كۆپ گەپ قىلىپ كەتتىمدە) شۇنىڭ بىلەن بۇ ياخشى ئۇسۇلنى خاتىرە قالدۇرۇشنى لايىق تېپىپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەمىسە مېغىزىغا ئاتلاپ كېتەيلى.
بۇ ئۇسۇل كونى يېڭى بولۇپ خېلى كۆپ نەشىردىكى ئۈندىدارغىمۇ ئورتاق ئىشلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكىسى ھەممىسى كومپيوتېرنىڭ مەشغۇلاتى.
ھەل قىلىدىغان مەسىلە:
قايتۇرىۋېلىشنى توسۇپ قېلىش (防撤回)
ئۈندىدارنى كۆپ ئېچىش (多开微信)

قانداق قىلىمىز:
ئاچىمىز
ئالماشتۇرىمىز
ساقلايمىز

ئۈنىمى:
1.gif
2.png
ئەمدى راسلا مېغىزىغا كەلدۇق، قانداق ئاچىمىز نېمىنى ئاچىمىز، نېمىنى ئالماشتۇرىمىز دېگەندەك سوئاللار يېغىپ كەتتى ھەقاچان.

رەسىملىك باسقۇچ ئوبدان قاراڭ:
باشتا مەن تەمىنلىگەن ئادرىستىن (WinHex) نى چۈشىرىمىز ۋە ئاچىمىز.
3.png
ئاندىن:
4.png
ئۈندىدار مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى (WeChatWin.dll) ھۆججىتىنى ئاچىمىز.
5.png
ئەمدى تىزىملىك سىتونىدىن: (搜索替换16进制数值) دېگەنى تاللايمىز، ئاندىن ئالماشتۇرۇش كۆزنىكى چىقىدۇ.
6.png

دېققەت ئەمدىكى باسقۇچ مۇھىم
قايتۇرىۋېلىشنى توسۇش ئىقتىدار:
ئىزدەيدىغان ھالقىلىق سۆز:      8BCEE83F3F3F3F85C0747B8BC8E83F3F3F3F85C07562
ئالماشتۇرىدىغان ھالقىلىق سۆز: BCEE83F3F3F3F85C0EB7B8BC8E83F3F3F3F85C07562
7.png
توغرا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن رەسىمدىكىدەك قىلىپ موقۇملاش كونۇپكىسىنى باسىمىز، ئالماشتۇرۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ئەسكەرتىش رامكىسى چىقىدۇ، موقۇملاشنى بېسىپ كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.

كۆپ ئۈندىدار ئېچىش ئىقتىدارى:
ئىزدەيدىغان ھالقىلىق سۆز:       E86B00000084C07456566A00
ئالماشتۇرىدىغان ھالقىلىق سۆز: E86B00000084C0EB56566A00
8.png
بۇنىڭدا ئاۋۇ يەردىكى توغرا بەلگىسىنى قويمايمىز، مەشغۇلات ئوخشاش توغرا تولدۇرغاندىن كېيىن، موقۇملاشنى بېسىپ ئالماشتۇرىمىز.
9.png
ئەمدى تىزىملىك سىتونىدىن (文件保存)
10.png
12.png
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام ۋە سالام.
سىناق قىلغان ئۈندىدار: 3.2.1.42 سىناق نۇسخا.
ئەگەر ساقلىيالمىغان بولسا، ئىككى مەسىلە بار، بىرى ئۈندىدارىڭىز تېخى ئوچۇق تاقاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز، يەنە بىرى ھوقوقىڭىز يەتمىدى دېگەن گەپ.
تاقاشنى ئۇنۇتقان بولسىڭىز، تاقاڭ، ھوقوقىڭىز يەتمىگەن بولسا، (另存为) دېگەننى بېسىپ باشقا ئورۇنغا ساقلىۋېلىڭ، ئاندىن ئۈندىدارنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ، سۆرەپ تاشلاپ ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى ئاۋۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:

پايدىلىنىپ قالغان دوستلار ئىنكاس يېزىۋېتىڭلار قېنى، ئاكتىپ ئادەم قانچىلىك بىلىۋالايلى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
koznak app
ۋاقتى: 2021-3-4 11:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەنشىې باڭيى ،سوڭلەيدې ھۈنە

باھا سۆز

تۈزۈت قىلماڭلا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2021-3-4 11:55
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2021-3-4 11:55:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Dior يوللىغان ۋاقتى  2021-3-4 11:34
گەنشىې باڭيى ،سوڭلەيدې ھۈنە

تۈزۈت قىلماڭلا
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-4-12 00:38 , Processed in 0.081214 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش