بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 258 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 2

[Wordpress] ۋوردپرەس ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
wordpress[1].jpg

ســــــــــــالام بىــــــــــــلوگېر:

بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم ۋوردپرەس ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسى بولۇپ پۈتكۈل بېكىتىڭىزنى ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتەلەيسىز راستىننى ئېيقاندا مەن بۇ قىستۇرمىنىڭ تۇنجى ئاپتورى ئەمەس ، توردىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا خاتالاشمىغانلا بولسام مەن ئۈچۈنچىسىكەنمەن . بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى « تەدبىركار ئەپەندىم » بولۇپ تۇنجى بولۇپ شۇ كىشى ياسىغانىكەن . كېيىن بۇنى دوغاپ بىلوگىدىن « دوغاپ ئەپەندىم » ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ يەنى ئەسلىدىكى بىرخىل خەت نۇسخىنى قوللاشتىن ئىككى خىل خەت نۇسخىنى قوللاشقا يېڭىلىغان ئىكەن . كېيىنچە نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇ قىستۇرمىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتى توختاپ قاپتۇ . بۇنىڭغا قاراڭ بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى:

(ۋوردپرەس ئۇيغۇچە تونۇتۇش ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇش قىستۇرمىسى)

https://bilimlar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=10641&fromuid=55357 (مەنبەسى: بىلىملەر مۇنبىرى)

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋوردپرەسنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن قىستۇرمىنىڭ ئاسراپ يېڭىلاش خىزمىتىنىڭ توختىشى ئارىسىدا قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا بولۇپ ، قىستۇرمىنىڭ تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورمال ئىشلىمەيدىغان كەينى سەھنىدە بىر قىسىم فونت-ئايكونلارنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى ياكى بۇزىۋېتىشى دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر بولغانىكەن . قانداق قىلىش كېرەك چوقۇم بىرى ئاسراش يېڭىلاش ئىشلىرىنى قىلىش كېرەكتە ، يەنە كېلىپ ۋوردپرەسكە بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش شۇنداقلا ۋوردپرەس ئۆزىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە GPL گە ئەمەل قىلغان ئاساستا بۇ قىستۇرمىغا قارىتا ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئېلىپ باردىم . ھەمدە بۇ ئەمگەك مېۋەمنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ، مەن بىر كەسپى پروگراممېر ئەمەس شۇڭا بۇ قىستۇرمىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش جەريانىدا خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي, بايقالغان خاتالىقلار كەڭ تورداشلارنىڭ ياردىمىدە كېيىنكى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتىدە تۈزىلىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن.

قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:

ئۇيغۇر-فونت ئۇيغۇرچە ۋورپرەسنىڭ ئالدى كەينى سەھنىدە تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىنى ھەرخىل زىيارەت ئۈسكىنىلىرىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋورپرەس قىستۇرمىسى ، بولۇپ ، قىستۇرمىنى ئورناتقاندىن كىيىن ھەر قانداق ئۇسلۇبقا ئايرىم خەت نۇسخىسى تەڭشەش ئورنىتىش كەتمەيدۇ ھەممە ئۇسلۇبقا ماسلىشالايدۇ ، يازما يوللاش تەھرىرلەش ۋە ئارخىپ رايونىدا كۆپ خىل خەت نۇسخىنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئالدى كەينى سەھنىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ۋە يېزىق كىرگۈزۈشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز !

ئۇيغۇر-فونت تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە « چېچەن كىرگۈزگۈچ » ئىشلىتىلگەن بولۇپ نۆۋەتتە بۇ ئەڭ ئىلغار بولغان تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قولايلىق . ھەرقانداق ئورۇنغا تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز . كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL+K نى بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچىنى ئۆز-ئارا ئەركىن ئالماشتۇرالايسىز .كىرگۈزگۈچكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ  ئورنىتىلغان بولۇپ بۇ ئىقتىدار ئەسلىي چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۆزىنىڭ ئورگان تورى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن بۇ قېتىم بۇ ئىقتىدارىنى ۋوردپرەسكە ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۈم . بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: زىيارەتچىلىڭرىڭىز بېكىتىڭىزدىكى خەۋەر ياكى ماقالىلەرنى كۆرگەندە چۈشىنەلمىگەن ياكى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا شۇ سۆزلۈكنى قارىغا ئالسا (تاللىسىلا) ئىزدىگۈچ شۇ زامان پەيدا بولىدۇ . ئىزدىگۈچنى چەكسىلا تاللىغان سۆزنى بېكىتىڭىزدىن ئىزدەپ بېرىدۇ. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ توربېكىتىڭىزنى رەڭدار قىلىدۇ ھەم بېكىتىڭىز زىيارەتچىلىرىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

پۈتكۈل بىكەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى خالىغان بىر CSS مەنبەنى ئۇلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى مەنبەدىن خالىغانچە پايدىلىنالايسىز . مەسىلەن: ۋوردپرەس سېستىمىسى سىرتىدا ئايرىم بەت ياكى سېستىما ئاچقان بولسىڭىزمۇ شۇ بەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىن خالىغان خەت نۇسخىنىڭ CSS مەنبەسىنى ئۇلىسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنى ئورنىتىپ قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن تەھرىلىگۈچنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە قارسىڭىز خەت نۇسخا كۆزگەزمىسى دەپ بىر ئۇلىنىش بېرىلدى شۇنى چەكسىڭىز ھەر بىر خەت نۇسخىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ، ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردا كۆرگەزمە بېرىلدى ۋە ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى قاتارلىقلارمۇ بېرىلدى . قىستۇرمىنى ئىشلىتىشتە نۆل سەۋىيەلىك كىشىمۇ بۇ قوللانمىنى كۆرۈش ئارقىلىق قىستۇرمىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تولۇق بىلەلەيدۇ .

قىستۇرمىدىن ئارىيە:
1-1.png

1.png

2.png

3.png

4.png

7[1].png

8.png


ھەر بىر خەت خەت نۇسخىسىنىڭ توربەت يۈزىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان كودلاش شەكىللىرى تولۇق بېرىلدى تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ....
Font2Web2.jpg

قىستۇرما ئۈنىمىنى بىلوگ ئارقىلىق كۆرۈڭ .....نۆۋەتتىكى نەشىرى : 2.2.1
17 خىل خەت نۇسخىنى قوللايدۇ
كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ



ئاخىرىدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك خىزمىتىڭلارغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن !

مەنزىل: Www.BilBilik.Com

ھۆرمەت بىلەن: بىلبىلىك
6.png
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىمقى يېڭىلاشتا ھەقىقەتەن ئۆزگىچە تېخنىكىلار قوللىنىپتۇ، قارا تېخنىىكا دەپ قويامدۇق ،ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم ، يازما يوللىغاندا ئەسكەرتىش ئىزاھات ،چۈشەنچە موھىم سۆزلەرگە ئۆزگىچە خەت نۇسخىسى تاللاش ئىقدارىنى ياقتۇردۇم ئىشلەتكەندىن كىيىنكى ئۈنۈم  :  http://www.bilimnur.com/  زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ باققايسىلەر!

باھا سۆز

بلوگىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimnur يوللىغان ۋاقتى  2021-2-21 20:20
بۇ قىتىمقى يېڭىلاشتا ھەقىقەتەن ئۆزگىچە تېخنىكىلار قول ...

بلوگىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-2-27 14:43 , Processed in 0.072707 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش